جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى:
گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئورگان تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا گېرمانىيەگە كىرگەن مۇساپىرلار سانى 64 مىڭ 700 بولۇپ، 2-ئايدا 37 مىڭ 600 ئادەمگە چۈشۈپ قالغان، 3-ئاينىڭ باشلىرىدا پەقەت تەخمىنەن 2900 نەپەر مۇساپىر گېرمانىيەگە كىرگەن. ئۇندىن باشقا، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى گېرمانىيەگە كىرگەن مۇساپىرلار سانى 89 نەپەر، 10-كۈنى 92 ئادەم بولغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇلتۇر كۈزدە، ھەر كۈنى 10 مىڭغا يېقىن مۇساپىر ئاۋسترىيە چېگرىسىدىن گېرمانىيەگە كىرگەن. گېرمانىيەگە كىرگەن مۇساپىرلار سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىشى بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چېگرانى تاقاش تەدبىرىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved