ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .بۈگۈنكى كۈندە بىز بىز بەزى يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرسەكلا يان تېلېفون ياكى كومپيۇتېردا پىئانىنو ۋە گىتتار چالالايمىز .
لېكىن ئەنگلىيىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھەرقانداق بىر تەكشىلىكنى چالغۇغا ئايلاندۇرالايدىغان ئىجادىي ئۈسكۈنىنى روياپقا چىقاردى ، بۇ پەقەت بىز كىنولاردىلا كۆرەلەيدىغان ، مەسلەن ئۈستەلگە ،شۇنداقلا سىىزپ قويسىلا كومپىيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى ئاچالىغانغا ئوخشاش ئاددىي ئەمەس .سىز بىر ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ ئاندىن ئۇنىڭغا بەزى پىئانىنونىڭ پەدىلىرىنى سىزىپ شۇ پەدىلىرىنى باسسىڭىز پىئانىنونىڭ ئاۋازى چىقىدۇ .
بۇ ئىجادىيەت ئاساسلىقى بىر خىل توك ئۆتكۈزىدىغان ئېلېكتىرىك سىياھنى ئاساس قىلىدۇ ، ئۇ جۈملىدىن بەزى باتارېيىلىك ياڭراتقۇ ،SDكارتىسى ۋە توك يولى تاختىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .پەقەت ئېلېكتىرىك سىياھ بىلەن توك يولى تاختىسىنى ئۇلاپ ،ئېلېكتىرىك سىياھ بىلەن ئۇچراشتۇرماق ئاۋاز چىقىدۇ .كىتابتىن ئاۋاز چىقىدۇ ، تاملاردنمۇ شۇ ،سىز ھەتتا قەغەزدىن ياسىغان ئۈنئالغۇدىنمۇ ناخشا ئاڭلىيالايسىز .
ئەلۋەتتە سېنزور سەپلەنگەندىن كېيىن ،ئۇنىڭغا چېقىلمىسڭىزمۇ تۈرلۈك ئاۋازلارنى چىقارغىلى بولىدۇ .ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈسكۈنىنىڭ خىزمەت پرىنسىپى ناھايىتى ئاددىي ،ئېلېكتىرىك سىياھنى تۇتقاندا ،سىياھ ئېلېكتىرىك سىگنالنى ئۈسكىنىگە يوللاپ بېرىدۇ .ئۈسكۈنىدە ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئاۋازنى چىقىرىدۇ ،ئەلۋەتتە ئاۋاز چىقىرىشتىن باشقا بۇ ئۈسكىنىنى يەنە ئۆيلەردىكى چىراق ۋە ئىشىك قوڭغۇرىقىنى تېزگىنلەشكىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved