ئۈرۈمچىدىكى بىر يەلقازان دۇكىنى ئىككى نەپەر ‹‹ماشىنا مۇلازىم›› قوبۇل قىلدى

19-يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي باغچا كوچىسىدىكى بىر يەلقازان دۇكىنى ئىككى نەپەر ‹‹ماشىنا مۇلازىم›› نى ‹‹تەكلىپ›› قىلغان بولۇپ، خېرىدارلار بۇ ‹‹ماشىنا مۇلازىم›› لار بىلەن توختىماي سۈرەتكە چۈشكەن.


‹‹5-نومۇرلۇق مېھمان، سىز بۇيرۇتقان كۆكتاتلار كەلدى، كۆكتاتلىرىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ، سول قولۇم ئاستىدىكى كۇنۇپكىنى باسسىڭىز مەن قايتىپ كېتىمەن››. ئۇچىسىغا سۆسۈن كۆڭلەڭ كىيگەن، يىپەك شارپا ئارتىۋالغان ‹‹كىچىك قىزچاق›› ئىسىملىك ماشىنا ئادەم ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلىدا سۆزلىگەچ، ئۇياق – بۇياققا تاماق توشۇۋاتقان ئىدى، توسالغۇغا ئۇچرىسا دەل ۋاقتىدا ئۆزىنى تورمۇزلاپ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا: ‹‹ئالدىدىكى كېلىشكەن يىگىت (گۈزەل قىز)، مەن تاماق توشۇپ مېڭىۋاتىمەن، ماڭا يول بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت›› دەپ ئۇلارغا ئەسكەرتىش بېرەتتى.


ئىشىك ئالدىدا يەنە بىر ‹‹چوڭ سېرىق ھەرە›› ئىسىملىك ماشىنا ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، ئېغىرلىقى يېرىم توننا كېلىدىكەن، بۇ ماشىنا ئادەم كارتون فىلىمدىكى ‹‹ئۆزگىرىشچان ۋاجرا›› غا ئوخشىتىپ ياسالغان بولۇپ، باش قىسمى مىدىرايدىكەن، لېكىن ماڭالمايدىكەن، سۆزلىيەلمەيدىكەن.


‹‹كىچىك قىزچاق›› ئىسىملىك ماشىنا مۇلازىمنىڭ ئېگىزلىكى 1.55 مېتىر، ئېغىرلىقى 80 كىلوگىرام كېلىدىكەن، ئۇ ئەينەك پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، ئاستىدا ئىككى تال چاقى بار ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە يۇمىلاق بېشى ۋە چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى ئېلېكتىر نۇرىلىق كۆزى بار ئىكەن، پەقەت ئاددىي خەنزۇ تىلىنى سۆزلىيەلەيدىكەن.


بۇ ئىككى ماشىنا ئادەمنى شېنجېندىكى بىر شىركەت ياسىغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ تېخنىكا خادىمى شۈ چاڭگېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ماشىنا مۇلازىمنىڭ ئىچىگە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان ئىكەن، توسالغۇلارغا ئۇچرىغاندا دەل ۋاقتىدا ئۆزىنى ‹‹تورمۇزلايدىكەن››، ماشىنا ئادەم لىنىيە بويىچە تاماق توشۇيدىكەن، مۇرەككەپ سۆزلەرنى ئىشلەتمەيدىكەن.


يەلقازان غوجايىنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ئىككى ماشىنا ئادەمنى 80 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان. ئۇنىڭ ھېسابلاپ بېرىشىچە، بىر ماشىنا ئادەم ئىككى مۇلازىمغا باراۋەر بولۇپ، ھەر بىر مۇلازىمنىڭ ئايلىق مائاشىنى 3000 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، يىلدا 70 مىڭ يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
21-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek