دۇنيا بويىنچە 10 چوڭ نامرات دۆلەت !


ئونىنچى : ئافغانىستان - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 800 ئامېرىكا دوللىرى .
ئافغانىستان بەلكىم چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنى يوق بولغان دۇنيا بويىنچە نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى . بۇنىڭدا ئەلۋەتتە 9.11 سوقۇلۇش ۋەقەسى بىلەن ئارقىدىن كەلگەن ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتكە جازا يۈرگىزشىگە «رەھمەت » ئېيىتسا بولىدۇ ،بۇ ئىشلار پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە جەنۇبى ئاسيادىكى بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىنى بىلدۈردى . بەلكىم نۇرغۇن كىشلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن ، بىنلادىن بۇ دۆلەتنى ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى دەپ ئاتىغان .تارىختا ئافغانىستان ئەزەلدىن جەڭلەردە مەغلۇپ بولۇپ قالماسلىقىدا بىر ئاشكارا مەخپىيەتلىك بار . ئۇلار بەلكىم دۇنيا بويىنچە ئەڭ نامرات دۆلەت بولىشى مۇمكىن ،لىكىن ئۇلار قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدۇ .ئۇلار ھەردائىم كىچىك كۆلەمدىكى پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن مۇنتىزىم بولمىغان ئەسكەرلەر بىلەن دۈشمەنلەرنى ئامالسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويالايدۇ . تەخمىنەن 70 % ئارتۇقراق ئافغانىستانىلىقلار ھەر كۈنلۈك خىراجىتى 2 ئامېرىكا دوللىرى . پۇل تىپىش ئۈچۈن نۇرغان كىشلەر قانۇنسىز سودىلارنى قىلىدۇ . ئافغانىستان دۇنيا بويىنچە ئەڭ چوڭ خىروئىن ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت . زەھەرلىك چېكىملىك مەسلىسى بۇ دۆلەت بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئەڭ چوڭ مەسلە ، بىر تۈرنىڭ ئافغانىستان ساقچى تەرەپنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشچە بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 17% ساقچىلار زەھەر چىكىدىكەن .بۇنىڭدىنمۇ ئەڭ يامان بولغىنى بولسا پەقەت 30% ساقچىلار خەت تونىيدىكەن ! ئافغانىستاننىڭ دۇنيا بويىنچە نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قىلشىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن ئەمەسمۇ .

 


توققۇزىنچى : ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 754 ئامېرىكا دوللىرى .
مۇستەقىل بولمىغان دەپ ئاتالغان بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى بىزگە بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتورا ئافرىقىنىڭ ئەسلىدە فىرانسىينىڭ مۇستەملىكىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىدۇ . دۇنيا بويىنچە نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرئەزاسى بولۇش سۈپتى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتىنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .بۇ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى پۈتۈنلەي چەت دۆلەتلەرنىڭ ھەم باشقا غەيرىي مەنپەت خاراكتىردىكى تەشكىللەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ .بۇ قەدىناس ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ياردىمى بۇ دۆلەتنىڭ كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى . تەخمىنەن 40% ئىمپورت كىرىمىنڭ مەنبەسى بولسا بۇ دۆلەتنىڭ ئالماسلىرنىڭ ئېكسپورت قىلنىشى . بۇ ئەسەردە تۆۋەندە تىلغا ئىلنىدىغان باشقا نامرات ئافرىقا دۆلەتلىرگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئۆزىگە تاينىپ ئوزۇق  - تۈلۈك ئىھتىياجىنى قامدىيالايدۇ ،لىكىن يەنىلە كۆپلىگەن كىشلەر ئاچارچىلىقنىڭ قىينىشىغا ، قۇۋەت يىتىشمەسلىكتەك ئىغىر ئازاپلارغا بەرداشلىق بەرمەكتە . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەر پومشىچىكلىرنىڭ ئاشلىقلارنىڭ چەت دۆلەتلەرگە سېتىپ بىرىپ پۇلغا ئالماشتۇرشىدا ،ئۇلار تۆۋەن باھادا ئاشلىقلارنى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرغا سىتىپ بىرىشنى خالىمىغانلىقىدا . 2006 يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق بۇنداق ئىشلارغا چىداپ بولالماي ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلغان ،بۇ ئىش 50000 ئادەمنىڭ ئۆلشىنى ھەمدە ئاچارچىلىققا قىلشىغا سەۋەپ بولغان .

سەككىزنچى : سېررالېئون - ھەر يىلى كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 739 ئامېرىكا دوللىرى .
سېررالېئون غەربى ئافرىقىدىكى نامرا ت دۆلەت ، دۆلەت تىلى بولسا ئىنگلىز تىلى .بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن شۇ يەردىكلەر ئىنگلىز تىلدىن ئۆزىنىڭ تىلىنى ھاسىلات قىلغان . ئۇلار بۇ تىلىنى Krio دەپ ئاتشىدىكەن .بۇ خىل تىل ئىنگلىز تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرنى ئىشلىتىدىكەن،لىكىن گرامماتىكسى 12 خىل ئوخشاش بولمغان ئافرىقا تىلىدىن تەركىپ تاپقان . دۇنيا بويىنچە ئەڭ نامرات دۆلەتنىڭ بىرسى بولۇش سۈپتى بىلەن سېررالېئونمۇ دۇنيا بويىنچە ئەڭ چوڭ ئالماس ئېكىسپورىت قىلدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى .ئەگەر سىز «قان رەڭلىك ئالماس «ناملىق كىنونى كۆرگەن بولسىڭىز ،سىز چوقۇم بۇ كىنونىڭ ئارقا كۆرنىشنىڭ دەل سېررالېئون ئىكەنلىكىنى بىلسىز . 1991- يىلدىن باشلاپ 2001- يىلغىچە بولغان بۇ 10 يىلنىڭ ئىچىدە 50000 ئادەم ئۇرۇشتا قازا قىلغان ،ھايات قالغان كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ جاپالىق بولۇپ كەتكەن .ئاز دىگەندىمۇ 500000 ئادەم ئۇلانىڭ قوشنا دۆلەت گۋىنىيە بىلەن لىۋىتەگە قىچىپ بىرىۋالغان . ھەممە ئادەملەر مەكتەپكە بىرىپ ئوقوشقا مەجبۇرلانغان ،لىكىن سېررالېئوندە مەكتەپ ئىنتايىن چەكلىك ،قانۇننىڭ قائىدلىرى تەستە ئەمەللىشەتتى . تەخمىنەن 66% كىشى ساۋاتسىز . دۆلەتنىڭ سەسيە سىستىمىسى نۇرغۇنلىغان مەسىللەر بىلەن تولغان . سېررالېئوندا بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى دۇنيا بويىنچە بىرىنجى قاتاردا تۇرىدۇ ،تۇرمۇش سەۋىيەسى دۇنيا بويىنچە ئاساسى جەھەتتىن ئەڭ ناچار دىيىشكە بولىدۇ .

يەتتىنچى : ئېرىترىيە - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 739 ئامېرىكا دوللىرى .
ئېرىترىيەنىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيلىك ئورنى بولسا بۇ دۆلەت سۇۋەيش قانىلى قاتناش لىنيىسىنى كونتىرول قىلىشتەك ئەڭ ئەۋزەل ئۈستىنلىكنى تەمىنلىگەن .بۇ دەل ئىتالىيە 1869 –يىلى سۇۋەيش قانىلىنى ئىچىپلا نىمىشقا شۇنداق تىزلا بۇ دۆلەتنى ئۆزىنىڭ مونوپۇل  دۆلىتىگە ئايلاندۇۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ،1941 –يىلى ئەنگىليەنىڭمۇ بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق ھوقوقىنى تارتىۋىلشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ . ھازىر ئامېرىكا يەنە بۇ دۆلەتنى تېرورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ بىلىدۇ . 2009 –يىلى ئامېرىكا دۆلەت سېكرېتارىى شلالىي كلىنتون ئېرىترىيەنى سومالى رادىكال تەشكىلاتىغا ( بۇ تەشكىلات ALبازا بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ) قۇرال –ياراغ تەمىنلىگەن دەپ ئەرز قىلغان . تارىختا مىسىرنىڭ فىرئەۋنى دائىم ئېرىترىيەنى ئۇنىڭ ئۇرۇش پىلىنىڭ بازىسى قىلغان . بارغانسىرى پىل ئېرىترىيەنىڭ تۇپىرقدىن ئۈن –تىنسىز يوقاپ كەتكەن . 1955 –يىلدىن 2001 –يىلغىچە كىشلەر پىلنىڭ سايىسنىمۇ كۆرمىگەن . كىشلەر بۇ پىللارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېرىترىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ قالدى دەپ بىلىشكەن . پۈتۈن دۆلەتتە ئاران 824 مەكتەپ بىلەن2 ئالىي مەكتەپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ساۋاتسزلارنىڭ نىمىشقا شۇنداق كۆپلىكىنى ئېيىتمىساقمۇ بولار . ئېرىترىيەنىڭ نىمىشقا دۇنيا بويىنچە نامرات دۆلەتكە ئايلىنىپ قىلشىدىن گۇمان قىلىشنىڭمۇ ئورنى يوق .

 

ئالتىنچى : نىپال - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 736 ئامېرىكا دوللىرى .
نىپال ئاسىيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى ، بۇ دۆلەتنىڭ تۇپىرىقىنىڭ 80%نىڭ كۆپ قىسمى سەھرايى كەبىر قۇملىقى ئوراپ تۇرىدۇ .بۇ دۆلەت قارماققا ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدۇ ،ئەڭ يامىنى بولسا ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈز بىرىدىغان قۇرغاقچىلىق بۇ دۆلەتنىڭ قۇملىششىنى تېخىمۇ ئىغىرلاشتۇرۋەتكەن .ھامان بىر كۈنى نىگېرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇملۇق يۈتۈپ تاشلايدۇ . بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق يەر شەكلى قۇملۇق تۈزلەڭلىك بىلەن قۇم ئېدىرلىرى ،يەنە نېگىر ىيە دەرياسىنى چۆردەپ تۇرىدىغان چوڭ يايلاق ،يىقىندىن بۇيان 2000 يىلدىن بۇيان توختىماستىن قۇملىشىش بۇدۆلەتنىڭ يەر شەكلىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ .گەرچە بۇدۆلەتنىڭ چوڭلىقى فىرانسىيەنىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ بولسىمۇ ،لىكىن ئۇيەنىلا 100000 چاقىرىملىق يولغا تەڭ كەلمەيدۇ ،تېخى 800چاقىرىم يەرلەر خىشلار- تاشلار ياتقۇزۇلغان . خىش ياتقۇزۇلغان يوللار نىڭ ھەممىسى شەھەرلەرگە تارقالغان . شەھەرلەر ئارا خىش –تاشلار ياتقۇزۇلغان يوللار يوق . نېگىرىيە  جۇمھۇرىيىتى دۇنيا بويىنچە ئەڭ چوڭ ئۇران ئېكسپورت قىلدىغان دۆلەت، باشقا ئەڭ نامرات 10 دۆلەتكە ئوخشاش تۆت ئادەمنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ئادەم تەلىم – تەربىيە ئىلىش پۇرسىتى بار ، نېگىر ىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنى پەقەت بىر كىچىك قوشونمىزبار، 12000 ئەسكەر بىلەن 4 ئايرۇپىلانىمىز دەپ ئاتايدۇ


بەشىنچى :سۇمالى - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 600 ئامېرىكا دوللىرى .
باشقا ئافىرىقا دۆلەتلىرگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى سۇمالى ئەزەلدىن باشقلارنىڭ مونوپۇل قىلشىغا ئۇچىرمىغان .سۇمالى شەرقى ئافىرىقىغا جايلاشقان ،ئەرەپ دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار .بەلكىم ئۇلار ئىسلام قانداشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن سۇمالىلىقلارنىڭ ئىنسانلاردىكى ئىممۇنېت سىستېمىسىنى بۇزۇش ۋىرۇسى بىلەن ئەيدىس كىسلىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولشى مۇمكىن . سۇمالى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بولغانلىقىتىن بۇ دۆلەت ئافرىقا قىتەسىدە ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئارمىيەنى قۇرالىدى .ئەڭ يامان بولغىنى ئىچكى جەڭگە ئامالسىز قالغانلىقتىن بۇ قىسىم يەنىلا 1991 –يىلى تارقىتىۋتلگەن . بىر قانچە يىلدىن بۇيان سۇمالىدىكى نامراتلار بىيىشنىڭ يىڭى يولىنى تاپقان .ئۇلار خەلقئارا سودا كېمە – پاراخۇتلارنى بۇلاپ ھەم كىشلەرنى گۆرۆھگە ئېلىۋالغان . دېڭىزدا قاراقچىلىق ھەرىكىتى سۇمالىدا ئاللىقاچان كىشلەر ھەيران بولمايدىغان ئەھۋالغا ئايلاندى . ياشلار چوڭ بولغاندا قاراقچى بولۇشقا تەلمۈردىكەن ،چۈنكى دېڭىز قاراقچىسى بولسا كۆپ پۇل تاپالايدىكەن .دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر دائىم بىر مىليوندىن 20 مىليونغىچە ئامېرىكا دوللىرى خەجلىسە ئاندىن ئۆزىنىڭ پاراخۇتلىرنى قايتۇرۇپ كىلەلەيدىكەن . لىق ماي قاچىلانغان بىر ماي پاراخۇتنىڭ باھاسى بىر نەچچە مىليون بولشى مۇمكىنكەن .يىقىندىن بۇيان ھەركۈنى دىگۈدەك بۇ دۆلەتتىكى كىشلەرنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغان رەسمىنى كۆرگىلى بولىدۇ .



تۆتىنچى : بۇرۇندى - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 400 ئامېركا دوللىرى .
دۇنيا بويىنچە نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپتى بىلەن بۇ ئىتىلمە خاراكتىردىكى  ئافىر ىقا دۆلىتى قەبىلە ئوتتورسىدىكى زىمىن تالشىش جىڭى بىلەن داڭلىق .بۇدۆلەتنىڭ نامرات بولشىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى توختىمايدىغان ئىچكى ئۇرۇش .  چۈشكىنلىشىش ،نامراتلىشىش تەلىم –تەربىيە تەرەپكە قاراپ كىڭەيمەكتە .تەخمىنەن 80% بۇرۇندىلىقلار نامرات تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ .دۇنيا ئاشلىق پىلانى مەھكىمسىنىڭ دىيشىچە بۇرۇندىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقىنى ،بۇرۇندىنىڭ تاشقى كىرىمىنىڭ 93% قەھۋەنى ئېكسپورت قىلىشتىن كەلگەنكەن .بىر قىتىملىق مۇھاكىمە دە 178 دۆلەتتە تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش جەريانىدا بۇرۇندىلىقلارنىڭ تۇرمۇشتا بەخىت تۇيغۇسنىڭ ئەڭ تۆۋەنلىكىنى ئىنىقلانغان .نامراتلىق بۇ دۆلەتنى ئاساسى جەھەتتىن خلقئارانىڭ ياردىمى ئاستىدا ھايات كەچۈردىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان .

 

ئۈچىنچى :لىبىرىيە - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 379 ئامېرىكا دوللىرى .
لبىرىيە ياۋروپا قىتەسى مۇستەمىلىككە .ئۇچىرىمىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ،لىكىن لىبىرىيەنى  ئامېرىكىدىن قىچىپ چىققان بەزىبىر قۇللار بايقىغان ھەمدە ئۇلار تەرپىدىن  مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۋىلىنغان . بۇ كىشلەر بۇ دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقوقىنى ئىگەللىۋالغان ھەمدە ئامېرىكا بىلەن قويۇق باغلانغان ھۆكۈمەت قۇرغان .1980 –يىلى لىبىرىيەنىڭ زۇڭتۇڭى ئاغدۇرپ تاشلانغان ،ئارقىدىن بولسا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بىرىپ  ، تۈمەنلىگەن لىبىرىيەلىقلار ئىغىر بولغان ئىقتىساد كرىزىسىدا ئۆلگەن .سىتاستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە تەخمىنەن 90% لىبىرىيەلىقلار ھەر كۈندىكى كىرىمنىڭ 1.25 ئامىېىكا دوللىرغىمۇ يەتمەيدىكەن .دۇنيا بويىنچە 3- نامرات دۆلەت بولۇش سۈپتى بىلەن لىبىرىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 85% كە يەتكەن ،ئۇنىڭغا قوشنا بولغان سېررالېئونغا ئوخشاش لىبىرىيەمۇ قان رەڭلىك ئالماس بىلەن داڭلىق ،شۇڭا ئامېرىكا بۇ دۆلەتتىن ئالماس ئىمپورت قىلىشقا يول قويولمايدۇ . ھەربىر ئايال تەخمىنەن 7 بالا تۇغقاچقا بۇ دۆلەتنىڭ تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .



ئىككىنچى : كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 334 ئامېرىكا دوللىرى .
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن كونگو جۇمھۇرىيتىنى ئالماشتۇرۇپ قويماڭ .كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيتى 1997 –يىلى زايىرغا ئايلانغان .كونگو بولسا ئافرقىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت . ھۆكۈمەت تىلى بولسا فرانسۇز تىلى،كونگونىڭ نوپوسى فىرانسىيە نوپوسىدىن 1000تۈمىنى ئارتۇق ،( كونگونىڭ نوپوسى 6600 تۈمەن ،فىرانسىيەنىڭ 6500 تۈمەن ) 1998 –يىلى باشلىغان ئىككىنجى قىتىملىق كونگو ئۇرۇشى پۈتۈن دۆلەتنى خاراب قىلغان .بۇ قىتىملىق ئۇرۇشقا باشقا يەتتە دۆلەتمۇ قاتنىشىپ 2-دۇنيا ئۇرشىدىن كىيىن ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقرى بولشىغا سەۋەپچى بولغان ، بۇ قىتىملىق ئۇرۇشتا 54 تۈمەن ئادەم ئۆلگەن .ئافرىقىدا بۇ قىتىملىق جەڭ ئافرىقا دۇنيا ئۇرشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .مۆلچەرلىنىشچە 2010- يىلى كونگودا ھەر ئايدا 45000 ئادەم ئۇرۇشتا ئۆلگەن .كونگو يەنە دۇنيا بويىنچە ئادەم يەيدىغان قەبىلە بار بولغان ئەڭ چوڭ دۆلەت .مەلۇ م بىر بېيگېمى ئادەمنىڭ دىيشىچە ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنى يىقىندىكى ئادەم يەيدىغان قەبىلىلەرنىڭ ھايۋانلارنى يىگەندەك يىۋەتكەنلىكىنى ئېيىتقان ،ئادەم يىىش ئادەم يەيدىغان قەبىللىلەرنىڭ بىردىن- بىر ھايات كەچۈرۈش يولىكەن .كونگو دۇنيا بويىنچە ئاياللار ئۈچۈن ياشاش تەس بولغان جاي .چۈنكى ھەر يىلى نۇرغۇن ئاياللار باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن .


بىرىنچى : زىمبابۋې - كىشى بىشىغا توغرا كىلدىغان مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 0.1 ئامېرىكا دوللىرى .
ئېغىر دەرىجىدىكى پۇل پاخاللىشىش زىمبابۋېنى دۇنيا بويىنچە ئەڭ نامرات دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى . بۇرۇن ئۇ تېخى دۇنيا بويىنچە 10- نامرات دۆلەت ھىساپلىناتتى ،لىكىن قوقونۇشلۇق پۇل پاخاللىشىش بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى گۇمران قىلدى .پۇل پاخاللىشىش بۇ دۆلەتنى 2007- يىلدىن باشلاپ 1000مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇلنى باستۇرغان ،لىكىن بۇرمۇنچە پۇل پەقەت بىر قانچە تۇغۇم سېتۋىلىشقا بولاتتى . 2008- يىلى 8 –ئايدا ھۆكۈمەت بانكىلارغا پۇلنىڭ ئاخىردىن 10 نۆلنى ئېلۋىتىشنى بۇيرىغان .چۈنكى بۇ بىر قانچە نۆلنىڭ ئاللىقاچان ھىچقانداق رولى قالمىغانىدى . 6 ئايدىن كىيىن ئۇلار يەنە 6 نۆلنى ئېلۋىتىپ 12 نۆل قاتقان . 87000% نىڭ 7 دەرىجىگە كۆتۈرگەندىكى پۇل پاخاللىشىش مال باھاسىنىڭ ھەر 1.1 كۈندە ھەسسىلەپ ئۆرلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى .مەسلەن ئىلىپ ئېيىتساق ئەگەر دۈشەنبە كۈنى بىر ئالمىنى 1 ئامېرىكا دوللىرغا ساتساق ئۇنداقتا يەكشەنبە كۈنى بۇ ئالمىنى 64 ئامېرىكە دوللىىرىغا ساتقىلى بولىدۇ .  ئوخشاش بولغان بىر ئالمىنى بىر ئاينىڭ ئىچىدە بىر مىليونغا ساتقىلى بولىدۇ .ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت بانكىسى 2009 –يىلى كەڭ كۆلەمدە 100 تىرىليونلۇق ئامېرىكا دوللىرنى چۈشۇرگەن . ئىقتىسادى مەسلىدىن باشقا زىمبابۋېنىڭ ئوتتورىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبتى دۇنيا بويىنچە ئەڭ تۆۋەن .ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 37 ياش ،ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى بولسا 34 ياش . بالدۇر ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان سەۋەپنىڭ بىرى بولسا نۇرغۇن كىشلەر يۇقۇملۇق كىسەللەر بىلەن يۇقۇملانغان .ساغلاملىق مەسلىسىنىڭ ھەل بولشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايتى .2009- يىلى 4   چوڭ دوختۇرخانلار  تاقىلىشقا  مەجبۇر بولغان .

 

 



خەتكۈچلەر:
15-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەلق تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى راجان يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە باشلىقلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا: ‹‹ھىندىستان ئىقتىسادى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ...
02-05-2016
     سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۇل ئەسلىھە سالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى كاتتا شىركەت – بىن لادىن گۇروھى 50 مىڭ ئادەم قىسقارتتى. «خۇيتۇڭ » تورى 2–ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: نېفىت با...
02-05-2016
    شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىنىڭ رىكازىدىكى يادۇڭ چېگرا ئېغىزى بەش ئاي تاقالغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن سەھەردە ئوڭۇشلۇق ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو ۋە ھىندىستان تەرەپتىن چېگرادىن ئۆتۈشنى ساقلاۋاتقان كىشىلەر چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشتى، شىزاڭ بۇ ...
02-05-2016
    ئاساسلىقى ياپونىيە يىنى پېرېۋوت نىسبتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى تەسىرىدە، توكيو پاي بازىرى 2- ئاپرېل چۈشۈش بىلەن باشلاندى ۋە داۋاملىق چۈشتى. توكيو پاي بازىرىدا 255 تۈرلۈك پاينىڭ ئوتتۇرچە چۈشۈش چاستۇتىسى %3.11 تىن ئېشىپ كە...
02-05-2016
    بۇ يىل 4- ئايدا ئالتۇن بازىرى قىزىپ كەتتى، ئاي بېشىدا ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1215 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى كۆپ قېتىملىق تېز ئۆسۈش ۋە تىك سىزىقتا چۈشۈشنى باشتىن كە...
01-05-2016
پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى كۆپ، ئەمما پۇل تاپىدىغان يولنى تاپالمىسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. نام چىقىرىش ئۈچۈن بالدۇر تۇتۇش قىلىش كېرەك، بېيىش ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش كېرەك. تۆۋەندە كۆپچىلىككە 2016- يىلى ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان بەش...
01-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 28- ئاپرېل تېلېگراممىسى، ئىقتىساد گېزىتى ئاگېنتلىقى ۋە جۇڭگو ئىقتىساد يۈزلىنىشى تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «جۇڭگو ئائىلىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» 28- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ دوكل...
01-05-2016
    چېرنوبىل يادرو ئاپىتى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسى ھادىسىسى. گەرچە بۇ يادرو ھادىسىسىگە 30 يىل بولسىمۇ، چېرنوبىل دائىرىسى 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق رايونى يەنىلا ھەر خىل رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە رېئاك...
01-05-2016
تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىيە-ئىقتىساد تورى Wallethub.com نىڭ 26-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 2 مىليون ئادەمنىڭ «قىمار خۇمارى» بار بولۇپ ئوتتۇرىچە قەرز سوممىسى 40 مىڭ ئامېرىكا دولل...
01-05-2016
    باش ئىشتابى توكيوغا جايلاشقان بىت تەڭگىسى (BitCoin) ئالماشتۇرۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان BitFlyer شىركىتى يېقىندا 3.0 مىليارد يېن (تەخمىنەن 27 مىليون دوللار) مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىل...
Powered by Leglek