باشنى قاتۇرىدىغان بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى گىرمانىيەلىك ئانىلاردىن ئۆگىنىڭ.
1. بالىڭىز ئۇنتۇغاق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇ ۋاقىتتا گىرمانىيەلىك ئانىلار ھەرگىز ئۈچ ئىشنى قىلمايدۇ، يەنى: بالىلىرىغا ئەسكەرتىش بەرمەيدۇ، ياردەم بەرمەيدۇ، كارى بولمايدۇ.
2. بالىڭىز پۇلنى بۇزۇپ چاچسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇنداق ئەھۋالدا گىرمانىيەلىك ئانىلار بالىلىرىغا بىر ھىسابات دەپتىرى سوۋغا قىلىدۇ! ئارتۇق خەجلىۋەتكەن پۇلىنى كېلەر ئايدا تۇتىۋالىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئۆزىنىڭ خەجلەۋاتقان پۇلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
3. بالىڭىز تۈزۈك تاماق يىگىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
گىرمانىيەلىك ئانىلار بۇ ۋاقىتتا بالىلىرىنى ئاچ قويۇش ئارقىلىق تەربىيەلەيدۇ.
4. بالىڭىز ئويۇنچۇق تالاشسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇ چاغدا بالىڭىزغا كىم ئاۋۋال ئويۇنچۇق بار يەرگە يېتىپ كەلگەن بولسا شۇ ئاۋۋال ئوينىشى كېرەكلىكىنى، جەمئىيەتتە مۇتلەق ئادىللىق يوق بەلكى قائىدە بىلەن تەرتىپ بار دىگەننى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك.
5. بالىڭىز ئۇخلاش ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرىۋەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ئىنىق ئۇخلاش ۋاقتىنى بىكىتىپ، مۇرەسسە قىلىشقا يول قويماسلىقى كېرەك. ئاتا-ئانىلار قائىدىگە رىئايە قىلالمىسا بالىلار بۇنىڭغا ھەرگىز كۆنمەيدۇ.
6. بالىلار مۇھەببەتلەشسە قانداق قىلىش كېرەك؟
گىرمانىيەلىك ئانىلار بالىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە قارشى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ھېسسىيات ئىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنى ئۆگىنىشمۇ بىر قىممەتلىك ئىقتىدار ھىسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved