ئۆزىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ، ئارمىيىگە قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئاياللار جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە ھەممىلا جايدا ئۇچرايدۇ، ئەلۋەتتە ۋە روسىيىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
يېقىندا روسىيىدە چىقىدىغان «ھەقىقەت گېزىتى» بىر ئايال ئەسكەرنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى، بۇ ماقالىدە تەسۋىرلەنگەن ئالاھىدە شەخس 1941-يىلى كۈزدە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە قاتناشقان 28ياشلىق بىر قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئالېكساندىرا بولۇپ، ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ جەڭ قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى، بىراق ئەينى چاغدىكى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ چاچتى. چۈنكى ئۇ بىر قىز بالا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چېچىنى كېسىپ، ئەرەنچە ياسىنىپ، باشقا بىر ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئورنىغا باردى، بۇ قېتىملىق ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئالېكساندىرا باشقا سەپداشلىرى بىلەن بىللە موسكۋادىكى بىر مەشىق لاگېرىغا كەلدى، ئۇلار بۇ يەردە تانكىسىت بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا تانكا ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلدى. شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەسكى، ئالېكساندېرا شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىز بالا ئىكەنلىكىنى ئۈچ يىلغىچە باشقىلاردىن سىر تۇتۇپ كەلدى، بۇ ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن بىر ئىش ئىدى، ئۇ ئەزەلدىن ئوپچە مۇنچىدا يۇيۇنمايتتى، شۇنداق چاغلاردا ئۇ پەقەت ئۆزىنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە يۇيۇنىشتىن خىجىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالاتتى، باشقىلار بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭ يالغۇز يۇيۇنىشىغا يول قوياتتى.
1945-يىلى فېۋرالدا ئالېكساندىرا ھەيدىگەن تانكا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن توپقا تۇتۇلۇپ، خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ سەپدىشى ۋېكتۇر ئۇنىڭ قاتتىق يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ تانكىدىن تارتىپ چىقاردى. ئۇ ئالېكساندىرانىڭ يارىسىنى تېڭىش جەريانىدا ئۇنىڭ سىرىنى بىلىپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خەۋەر تېزلا تانكا قىسمىغا تارقىلىپ، يۇقىرىنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئەينى چاغدىكى ئىنتىزام بويىچە تەشكىلنى ئالداش كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى. لېكىن تەشكىل ئۇنىڭ جەسۇرلۇقىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنى جازالىمىدى.
ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئالېكساندىرا بىر تەبىئىي پەنلىرى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ئېنژېنېرلىق ئۇنۋانى ئالدى. كىيىن تويمۇ قىلدى، بىراق ئۇرۇشتا يارىلانغانلىقتىن پەرزەنتلىك بولالمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved