ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بازارغا سالىدىغان يانفون مەھسۇلاتى بولسا ئىككى خىل بولۇپ، بۇ ئىككى خىل يانفون مەھسۇلاتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەرگە ئوخشاشلا 4.7 دىيۇملۇق ۋە 5.4 دىيۇملۇق ئىكەنلىكى ئاللىقاچان جەزىملەشتۈرۈلگەن. لېكىن بۇ ئىككى خىل يانفوننىڭ ئىسمى بولسا iPhone 6 ۋە iPhone Air دەپ ئىككى خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى iPhone Air يانفونىغا كىشىلەر يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆك ياقۇت ماتىرىيالى ئىشلىتىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسمۇ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 8000 يۈەنگە يېتىدىكەن.
يېقىندا مۇخبىرنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بازارغا سالىدىغان يانفون مەھسۇلاتى بولسا ئىككى خىل بولۇپ، بۇ ئىككى خىل يانفون مەھسۇلاتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەرگە ئوخشاشلا 4.7 دىيۇملۇق ۋە 5.4 دىيۇملۇق ئىكەنلىكى ئاللىقاچان جەزىملەشتۈرۈلگەنكەن. لېكىن بۇ ئىككى خىل يانفوننىڭ ئىسمى بولسا iPhone 6 ۋە iPhone Air ئىكەن.
يېقىندا ئالما شىركىتى يانفونلىرىنى زاپچاس بىلەن تەمىنلەيدىغان ياپونىيىلىك سودىگەرنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 40-ئايدا ئالما شىركىتى ئاللىقاچان بۇ ياپونىيە شىركىتىگە يانفون ئېكرانى زاكاز قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان يانفون ئېكرانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەقىقەتەن ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەرگە ئوخشاشلا 4.7 دىيۇملۇق ۋە 5.4 دىيۇملۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولغانكەن، بۇ زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ ئىككى خىل يانفونىغا ئايرىم ئايرىم ھالدا iPhone 6 يانفونى ۋە iPhone Air يانفونى دەپ نام قويۇلغانكەن.
يۇقارقى زاتنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئالما شىركىتى يانفونلىرىغا بۇ خىل نام قويۇش ‹ ھەم كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىكىدەك، ھەم كىشىلەرنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىغاندەك› بولغان بولۇپ، ‹ ئالما iPhone 6 يانفونى ھازىرقى iPhone 5s يانفونىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد يېڭى يانفونى دەپ قاراشقا بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر يانفون نۇسخىسىغا قويۇلغان Air دېگەن نام ئازراقمۇ ئىجادىيلىق ئېلىپ كەلمىگەن بولۇپ، بۇ يانفون ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ Air يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار ئائىلىسىگە كىرگۈزۈلۈپ قويۇلغاچقا، ئېستىمالچىلارغا ھېچقانداق يېڭىلىق ھەم ھەيرانلىق تۇيغۇسى بېرەلمىگەنكەن›.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، iPhone Air يانفونىغا كىشىلەر يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆك ياقۇت ماتىرىيالى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، شۇڭلاشقا بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسمۇ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 8000 يۈەنگە يېتىدىكەن.
ئېيتىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى يانفونلىرى 6-ئايدىن باشلاپ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يانفونلارنىڭ 8-ئاي ياكى 9-ئايلاردا بازارغا سېلىنىشى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved