ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى : يەرشارى تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئازادلىق گېزىتى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى تور بېكىتىدە خەۋەر بېرىپ ،جۇڭگو يېقىندا ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلدىغان بومبىنى ئۇچۇرۇش سىنىقىنى ئېلىپ باردى دېگەن . تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ،جۇڭگونىڭ بۇ خىل WU14تىپلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلدىغان بومبىسىنىڭ بۇلىشى ئامېرىكىغا جۈملىدىن پۈتۈن يەر شارىغا ئېلىپ كېلىنگەن تەھدىتنىڭ بىر قىسمى ئىكەن .
ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئۇرۇش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى رىچارد فوشىر مۇنداق دەپ قارايدىكەن :‹ جۇڭگو بەلكىم يېقىندا يۇقىرى سۈرئەتلىك مېخانىكىلىق باشقۇرۇلدىغان بومبىنى قىتئەلەر ئارا يەتكۈزۈلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن ›. ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە بۇ خىل تىپتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلدىغان بومبا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ۋە كۈچىنى تېزلىتىدۇ ،بۇ خىل تىپتىكى باشقۇرۇلدىغان بومبا توسۇش ئەڭ قىيىن بولغان بومبا ئىكەن .
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە ئەھۋالدىن خەۋەر بولغۇچىلارنىڭ دېيىشىچە ،جۇڭگو 8-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى بىر باشقۇرۇلدىغان بومبا بازىسىدا WU14تىپلىق بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلدىغان بومبىنى قۇيۇپ بەرگەن . بۇ ئىش ھەققىدىكى سوئال سورالغاندا بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى جېفىر پۇر جاۋاپ بېرىپ :جۇڭگونىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۆزىتىش پەقەت بىر شەكىلۋازلىق بىز ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قوراللىرى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىشلىرى توغرىسىدا باھا سۆزى قىلمايمىز ھەم تەنقىد قىلمايمىز دېدى . ئۇ يەنە تولۇقلاپ بەش بۇرجەكلىك بىنا جۇڭگونىڭ ئاشكارىلىق ۋە خاتالىقتىن ساقلىنىش تۈرىنى قوللايمىز دېدى .
پۇر ئىلگىرى جۇڭگونىڭ 2014-يىلى 1-ئايدا باشقۇرۇلدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ بىراق يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى رەت قىلدى . ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان .
تۇنجى قېتىملىق WU14يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلدىغان بومبىنى قۇيۇپ بېرىش تەجرىبىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ ،ئەينى ۋاقىتتا 10 ھەسسە ئاۋاز سۈرئىتى بىلەن نىشانغا قاراپ ئۇچقان ،سائەتلىك تېزلىكى 76820 ئىنگىلىز مىلى بولغان . ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتكى ئاۋاز تېزلىكى قورال ئىنژىنىرىغا غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ . جۇڭگودىن باشقا يەنە ئامېرىكا ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلدىغان بومبا ياساۋاتىدۇ . بۇ خىل قوراللارنىڭ ئىشلىتىلگەن تېخنىكىسى يۇقىرى ،ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved