ئۇيقۇسى قېچىش پسىخىكىلىق توسالغۇلارنىڭ ئاساسلىق بىشارەتلىرىنىڭ بىرى. نېرۋا فۇنكسىيىسى كېسەللىكى ۋە تىت-تىت بولۇش كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ياتسىمۇ يەنىلا ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ. كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ئۇيقۇ ئارىلىقىدا ئويغىنىپ كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي ياتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىلىق كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم.
زىيادە قايغۇرۇشمۇ بىر خىل پىسخىكىلىق كېسەللىكتۇر. ياشىنىپ قالغان كىشىلەر ھامان پەرزەنتلىرىنىڭ سىرتلاردا بىرەر پېشكەللىككە ئۇچراپ قېلىشىدىن، كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ياكى ئىشلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ ۋە ياكى تېنىمدە ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن گۇمان قىلىپ يۈرىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆپىنچە ياخشى بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئائىلىدىكىلەر ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ روھىي جەھەتتىن قوللاپ رىغبەتلەندۈرىدىغان، تەسەللى بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى لازىم.
كەيپىياتىنىڭ چۈشكۈن بولۇشمۇ بىر خىل كېسەللىك بىشارىتىدۇر. يالغۇز تۇرىدىغان، ھەمرىيىدىن ئايرىلىپ قالغان ياكى پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ياشىنىپ قالغان كىشىلەر ئاسانلا چۈشكۈن، ئۈمىدسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ياشانغانلار كۆڭۈل ئېچىشى، دوستلىرى بىلەن كۆپرەك پىكر ئالماشتۇرۇشى، سەبداشلىرى بىلەن جەم بولىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىشى لازىم.
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved