جاھان ئاگېنتلىقى 19-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىىسى: مىسىردا جىيزە رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسى، قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى كاردەسە رايۇنىدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر ساقچىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان دىگەن جىنايەت بىلەن 22 نەپەر ھەربىي ئىنقلابقا قارشى كىشىنى سوتقا تارتىپ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى.
مەھكىمە ھەيئىتى، 14 نەپىرى قولغا ئېلىنىپ سوتلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەرنىڭ ئارخىپىىنى قاراپ چىقىش ئۈچۈن مىسىر مۇفتىسىغا ئەۋەتتى. مۇفتىنىڭ قارىشى ئاساسلىق ئامىل ئەمەس، ئۆلۈم جازا بېرىش قارارى ھەققىدە ھەل قىلغۇچ ھۇقۇق مەھكىمە ھەيئىتىگە تەۋە.
مەھكىمە جىنايەتچىلەر ھەققىدىكى قارارنىڭ قاراپ چىقىلىش سوتىنى 20-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ داۋادا، جىنايەتچىلەرگە مەمۇرى ساقچى خادىمنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن بىرگە، رۇخسەتسىز قۇرال ئىشلىتىش جىنايىتى ھەم قارىتىلدى.
مىسىردا 2013 تىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە قولغا ئېلىنغان بىر نەپەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار قوللىغۇچىسىغا 7- مارت ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى. ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەسمى ھالەتتە «تېرور تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئەزاسى بولمىغان مەھمۇد ھەسەن رامىزانغا بېرىلگەن بۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن مىسىردا تۇنجى قېتىم ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ئابدۇلفەتتاھ سىسى باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان تۇنجى پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى قولغا ئېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى. مۇرسى ئۆزى ھەققىدە ئېچىلغان بىر قانچە تۈرلۈك داۋا بىلەن سوتلىنىۋاتىدۇ. ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارغا ساقچى قىسىملىرى قاتتىق مۇداخىلە قىلىپ نەتىجىدە مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يەنە نەچچە مىڭلىغان كىشى كىشى قولغا ئېلىندى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ياكى ئېغىر قاماق جازاسىغا ئۇچرىدى. مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن زور دەرىجىدىكى ئىنسان ھەق-ھۇقۇقلىرىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشىغا دۇچار بولغان كىشىلەر ئارىسىدا مۇخبىرلارمۇ بار. ھېچبىر جىنايەت ياكى ئېنىق بىر پاكىتسىز بىر قانچە ئايلاردىن بېرى قولغا ئېلىنىپ تۇتۇلىۋاتقان ئەلجەزىرە «قاتار يېرىم ئارال تېلىۋىزىيسى» مۇخبىرلىرى Peter Greste، مۇھەممەد فەھمى ۋە باھېر مۇھەممەد قاتارلىقلار 7-10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. Peter Gresteمىسىر مەھكىمىسى تەرىپىدىن چېگىرىدىن چىقىرىلىش قارارى چىقىرىلىپ قۇيۇپ بېرىلدى.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved