دىكتور-رىياسەتچىلىك ساھەسىدە چاقنىغان يېڭى يۇلتۇز ـــ گۈلئارا سادىر

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

ھايات ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قوغلىشىش بىلەن قىممىتىنى تاپىدۇ، ئارزۇ-ئارمانسىز كىشى گوياكى توختام سۇ، ئارزۇغا ئىنتىلمەس كىشى خۇددى قۇرۇغان دەرەخ.

  

ھەرقانداق دەۋر ئىجادكار ياشلارغا مەنسۇپ، چۈنكى ياشلار ئۆز ئىجادكارلىقى بىلەن گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال يارىتىدۇ! كۈنىمىزدىكى ياشلار ئىچىدە چاقنىغان بىر يورۇق يۇلتۇز كەبى ئۆزىنىڭ مېھىرگە تولغان ئاۋازى بىلەن سانسىز كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى قايتىدىن، باشقا بىر نۇقتىدىن ھېس قىلدۇردى. ئۇ دەل «مېھىرگە چاقىرغان قىز» ــــ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى چوڭلار مائارىپى ئىنىستىتۇتى 2012-يىللىق دىكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، «قەلب كۆزنىكى»، «دىلىستان»، «جۇلالىق پاراڭ» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تور تېلېۋىزىيە ۋە تور رادىيو پروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى گۈلئارا سادىر.

  

نۇرغۇن كىشىلەرنى دېكلاماتسىيە ئاڭلىسا ئۇيقۇ باسىدۇ، بىراق 2013-يىلنىڭ ئاخىرى توردا گۈلئارا سادىرنىڭ «مېھىر كېچىسى» يالغۇز كىشىلىك دېكلاماتسىيە ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇپ، دېكلاماتسىيە كېچىلىكى ھەققىدىكى پاراڭ بىرقىسىم تور، مىكرو بلوگ، ئۈندىدارلارنى بىر ئالدى، مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات فىلىمى ۋە خەۋەرلەرنىڭ چېكىلىشى ئوخشاش تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ چېكىلىشىدىن ئېشىپ كەتتى. گۈلئارا دېكلاماتسىيەنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقوتقۇچىلىرىدىن گۈلئارانىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد، مۇھەببەت ئەزىز، تاھىر ياسىن، ئەل قەلبىدىكى سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، داڭلىق رېژىسسور جۈرئەت ۋاھىد، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇستاز دىكتورلىرىدىن غالىب نىياز، ماھىبەدەر ئابلىمىت، بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئاۋاز ئاكتىيورىدىن قەيسەر ھەبىبۇللا قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلار نەق مەيدانغا كېلىپ قۇتلۇقلىدى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق تېلېۋىزىيە، رادىيو، تور تاراتقۇلىرى كېچىلىكنى بەس-بەستە مەخسۇس خەۋەر قىلدى.

  

«شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى 2014-يىللىق 3-سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا گۈلئارانىڭ سۈرىتىنى بېسىپ، «مېھىرگە چاقىرغان قىز» ناملىق ماقالە بىلەن مېھىرگە، دەۋر روھىغا باي بۇ قىزنى مەخسۇس تونۇشتۇردى. گۈلئارامۇ ئۆزىنىڭ قەيسەر خاراكتېرى، ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان روھى ئارقىلىق ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يېڭى بىر ئەۋلاد رىياسەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  

مەن تەساددىبىي پۇرسەتتە بۇ مېھىر ئەلچىسى بىلەن تونۇشتۇم، قىسقىغىنا پاراڭ ماڭا ئاجايىب بىر ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىۋىدىم، ئۇمۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى.

  

مۇخبىر: ئىگىلىشىمچە، سىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپتىكەنسىز، قانداق بولۇپ دىكتور رىياسەتچىلىك كەسپىدە داۋاملىق ئوقۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟

  

گۈلئارا: ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم، بۇ جەرياندا ياخشى ئۆتىدىغان بىر دوستۇمنىڭ سىڭلىسى تاراتقۇ ئىشخانىسى قۇرۇپ، بىر تور بېكەت بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، شۇ تور بېكەتنىڭ رادىيو ۋە سىنلىق نومۇرلىرىنى ئىشلىدى. مېنىڭ كىتابخۇمار، ئوچۇق-يورۇق، ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىشقا، داڭلىق شەخىسلەرنى دوراشقا ئامراق قىز ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان ھېلىقى دوستۇم بىر كۈنى ماڭا تېلېفون قىلىپ، سىڭلىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇپ بېرىشكە قىزىقىشىم بار-يوقلۇقىنى سورىدى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ مېنىڭ شەخسىي قىزىقىشىم ئىدى، مەنمۇ ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا سىناپ باقمايمۇ، دېگەن خىيالدا قوبۇل قىلدىم. ئويلىمىغان يەردىن تىل سەنئىتىگە بولغان قىزىقىشىم ھەقىقىي نىشانىم بولۇپ قالدى ھەمدە ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئۇستاز سەنئەتكارلار «گۈلئارا، سىز مۇشۇ كەسپنىڭ ئىگىسىكەنسىز، مۇشۇ كەسپنىڭ نېنىنى يېسىڭىز بولغىدەك» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مىنى ئىلھاملاندۇدى. شۇنداق قىلىپ، يۈرىكىمدىكى بۇ كىچىك ئۇچقۇن چوڭلارنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن كۆيۈپ گۈلخانغا ئايلاندى. مەنمۇ ئۆز ئورنۇمدا تۇرۇۋەرمەي ئىلگىرىلەشنى، پەرۋاز قىلىشنى ئويلىدىم، كېيىن ئىختىيارسىزلا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى يەنە باشلىدىم.

  

مۇخبىر: مەن ئىلگىرى ناخشا كېچىلىكى، ئۇسسۇل كېچىلىكى، ئېتوت كېچىلىكى دەپ ئاڭلىغان، دېكلاماتسىيە دېگەن بۇ سەنئەت تۈرى ئادەتتە باشقا كېچىلىك-پائالىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئانچە-مۇنچە قىستۇرۇلۇپ قويۇلاتتى. بىراق سىز تەۋەككۈل قىلىپ، مەخسۇس دېكلاماتسىيە كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپسىز، شۇ چاغلاردا نېمىلەرنى ئويلىغان ئىدىڭىز؟ «ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالارمۇ» ۋە ياكى «تاماشىبىنلارنى ئۇيقۇ بېسىپ قالارمۇ» دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئويلىغانمىدىڭىز؟

  

گۈلئارا: مەغلۇب بولارمەنمۇ؟ سەھنىدە سۆزۈمنى ئۇنتۇپ قالارمەنمۇ؟ ئۇستازلىرىم ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويارمەنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىغان. دېكلاماتسىيە كېچىلىكى ئەمەس، ھەتتا بىر ئېتوت كېچىلىكى كۆرگەندىمۇ ئەگەر كۈلگىمىز كەلمىسە ياكى ئارتستلارنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى تاماشىبىنلارنى جەلب قىلالمىسا، ئۇنداقتا بۇ بىر مەغلۇبىيەتلىك سەھنە ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ. دېكلاماتسىيەمۇ سۆزلەش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى قىزىقتۇرىدىغان سەھنە ئەسىرى. مەن تاماشىبىنلىرىمنى ئۇيقۇ بېسىپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم، چۈنكى دېكلاماتسىيەلىرىمنىڭ كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممىسىگە رەڭ بەردىم، مەسىلەن LED كارتىنىلىرى، نەق مەيدان MV، نەسىرگە ماسلاشتۇرۇلغان ئۇسسۇل قاتارلىقلار بار ئىدى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە تېگىدۇ. دېمەكچىمەنكى، سەھنىدىكى بارلىق نومۇرلىرىم چىن بولسا، ھەقىقىي بولسا، ئېغىزىمدىنلا ئەمەس، يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن پارتلاپ چىقسا، تاماشىبىنلىرىممۇ داۋامىنى كۈتۈشىدۇ.

ئالدى بىلەن دېكلاماتسىيەلىرىمنىڭ ئۆزۈمنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى ئۈستىدە بەكرەك باش قاتۇردۇم، پەقەت ئۆزۈمنى تەسىرلەندۈرەلىسەملا ئاندىن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيمەن. ئەلۋەتتە، تاماشىبىنلارنىڭ زېرىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئېتوتلارنىمۇ قوشۇپ قويدۇق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىزىقارلىق خەۋەر دىكتورلۇقى بولۇپ، «مېھىر كېچىسى» ئۈچۈن مەخسۇس يېزىلغان كۈلكىلىك خەۋەرنى تاماشىبىنلىرىمغا خەنزۇ تىلى دىكتورلۇقىدا يەتكۈزدۈم. يەنە ئالدىنقى نەسىر دىكلاماتسىيەسىگە باغلاپ روفىنە يالقۇن ئىسىملىك سىڭلىمىز بىلەن بىر ناخشا ئېيتتىم.

  

مۇخبىر: يېقىندا سىز ئىشلىگەن «جۇلالىق پاراڭ» تور پروگراممىسىنىڭ بىرىنچى سانىنى مەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن، بۇنىڭغا سىزنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن ھەرخىل تېلېۋىزىيە، رادىيو، تور پروگراممىلىرىنى قوشقاندا، سىزنى تور پروگراممىلىرى ساھەسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىدى، دېيىشكە بولىدۇ ھەمدە سىزنىڭ رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبىڭىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەمدى سىز بۇ خىل رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى ۋە پروگراممىلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرامسىز؟

  

گۈلئارا: بۇ بىر ئۈلگە پروگرامما بولدى، ئۇنداقتا مېنىڭ ئەمدىكى چىقىش نۇقتام نېمە؟ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى 20 نەچچە يىللىق قېلىپ ئىچىدە بولۇپ، بۇ قېلىپنى رىياسەتچى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس. بۇ قېلىپتا تاماشىبىنلار ئامىلى، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پسىخىكا ئامىلى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرتۈرلۈك ئامىللار بار. بىراق شۇ نەرسە ئايدىڭ، تەرەققىيات زىيادە تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، نۆۋەتتىكى بىز كۆرۈۋاتقان ۋە بەھىرلىنىۋاتقان ھەرخىل رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگىراممىلىرى كۆرۈرمەن ۋە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمايۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ مەن بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلەيدىغان، يېڭىلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ئادەم دېگىنىم ئەمەس، چوقۇم بىر ئادەم تۇنجى قەدەمنى بېسىپ، مەيلى مۇۋەپپەقىيەت قازانسۇن ۋە ياكى مەغلۇب بولسۇن، سىناپ بېقىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تورداشلارنىڭ ئىنكاسى مېنى ئىشەنچكە تولدۇرۇش بىلەن بىللە مېنى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈردى. بۇنداق بولغانىكەن، بۇ پروگراممىنى داۋاملىق ئىشلەيمەن، بۇ كۈنلەردە كېيىنكى سان پروگراممىلارنى پىلانلاۋاتىمەن، ھەمكارلىشىدىغان تەرەپنىمۇ ئاساسەن بېكىتىپ بولدۇم.

  

مۇخبىر: يېقىندا قانداق يېڭى پىلانلىرىڭىز بار؟ ئازراق ئاشكارىلاپ بەرسىڭىز بولارمۇ؟

  

گۈلئارا: ھازىر يالغۇز كىشىلىك دېكلاماتسىيە كېچىلىكىم «مېھىر كېچىسى»نىڭ پىلاستىنكىسىنى تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى پروگراممىلارنى پىلاپ ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋاتىمەن، 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا دېكلاماتسىيەنى ئاساس قىلغان، دىكتور-رىياسەتچىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن MV مەخسۇس پىلاستىنكامنى چىقىرىشنى ئويلاۋاتىمەن.

  

مۇخبىر: زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  

گۈلئارا: سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت !



‏مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان



خەتكۈچلەر:
18-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
28-04-2016
    شىياڭگاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 27- ئاپرېل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ساياھەت زۆرۈر لازىمەتلىكلىرىدە ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت ئىكەن. ئىسپانىيە ساياھەت تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دو...
27-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندونېزىيە ئاسېخ ئۆلكىسى (Aceh)، شۇ كۈنى ئاسېخ ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەرەپ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن 7.9 توننا پىيازغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم ئەتكەسچى بۇ ...
27-04-2016
    رۇسىيە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ دانلىق زىئارەت ھەمدە ياسالما مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 10 مىليون 1...
26-04-2016
  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 26-ئاپرېلدىن 5-مايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى قوي ۋە كالا گۆشىنى بىۋاستە ساتىدىغان 13 نۇقتىدا سېتىش تېزلىتىلىپ، قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 39.8 يۈەن، كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 47 يۈەندىن سېتىلىدىكەن.    ...
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
Powered by Leglek