ئامېرىكىلىق ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىسى سكوت كېللى 2015-يىلى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا 260 كۈن ياشاپ ۋە خىزمەت قىلىپ، ئالەم بوشلۇقىغا دائىر نۇرغۇن سۈرەتلەر تارتىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ‹‹ئالەم بوشلۇقى فوتوگرافى›› بولۇپ قالغان ھەمدە خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان كىشى بولۇپ قالغان. ئۇ ھەركۈنى توردا ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، بېيجىڭ، دۇبەينىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى، بوشلۇق پونكىتىدىكى ئاينىڭ كۆتۈرۈلۈپ، كۈننىڭ ئولتۇرۇشى، رەڭدار قۇتۇپ نۇرلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللىغان. ئۇنىڭ يوللىغان سۈرەتلىرى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. سكوت كېللى بۇ يىل 51 ياشتا بولۇپ، 19 يىللىق ئالەم بوشلۇقى خىزمىتى تەجرىبىسىگە ئىگە. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇ ‹‹ئىتتىپاق›› ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا يېتىپ بېرىپ، بىر يىللىق دائىمىي خىزمىتىنى باشلىغان. ئۇ 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا 216 كۈن ياشاش ئارقىلىق ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ياشاش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە خاتىرىگە ئېلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved