زاكىر تور خەۋىرى لەگلەك تور تەرجىمىسى
بىر بوۋاي داچىسىنى سىتىپ ئۆز نامى بىلەن ئۈمۈد قۇرۇلىشىغا 20 مىليون ئىئانە قىلدى. تۈنۈگۈن(3- ئاينىڭ 21-كۈنى) ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ئۈمۈد قۇرۇلىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبىرىكلەش مۇراسىمىغا بۇ 71 ياشلىق بوۋاينىڭ جىيەنى شۈ ئەپەندىم قاتناشتى.
بۇ بوۋاي ساتقان داچا شاڭخەي شەھرىدە、 كۆلىمى 382.83 كۋادراد مىتىر كىلىدىغان بولۇپ، 1936-يىلى قۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشكە ئاساسلانغاندا، شاڭخەي ئۈمۈد قۇرۇلىشى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 20 يىلدا جەمئى يىغىلغان ئىئانە سوممىسى 800 مىليونغا يەتكەن، جەمئى 7 مىليون 800 مىڭ شاڭخەي ئاممىسى ئىئانە قىلىشقا قاتناشقان، شاڭخەي ئۈمۈد قۇرۇلىشى 2000دىن ئارتۇق ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى、 100دىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى سالغان.
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمىللىشىشىگە ئەگىشىپ، شاڭخەي ئۈمۈد قۇرۇلىشى مەكتەپ سىلىش、 قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ياردەم قىلىش دائىرسىنى ئۈمۈد قۇرۇلۇش مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىلەش、لى فىڭدىن ئۈگۈنۈش فوندى、 ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ياردەم فوندى、 ئۆسمۈرلەرنى قوغداش فوندى、 يىزا مەدىنىيەت قۇرۇلۇش فوندى قاتارلىق تۈرلەرگە كىڭەيتتى.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved