ئۇكرائىنا رۇسىيىنىڭ پاراشۇتچى قىسمىنىڭ 10 ئەسكىرىنى قولغا ئالدى

ئۇكرائىنا دائىرىلىرى 25-دېكابىر ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدا رۇسىيىنىڭ پاراشۇتچى قىسمىنىڭ 10 ئەسكىرىنى قولغا ئالدى ھەمدە بىر بىروۋنىۋىك كالونىنىڭ رۇسىيىدىن ئۇكرائىناغا كىرىشىنى توستى،دېدى.


ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ بۇ ئەسكەرلىرى رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ 98-پاراشۇتچىلار دىۋىزىيىسىگە قارايدۇ. بۇ ئەسىرلەر دۇنىستىك شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كەنتتە قولغا چۈشتى. ئۇكرائىنا ئۇلارنىڭ قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەنلىكى قىلمىشىنى جىنايى ئىشلار جەھەتتىن تەكشۈرۈشكە باشلىدى.


ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى بۇ پاراشۇتچى ئەسكەرلەرنىڭ رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىدى . ئۇ رۇسىيىلىك ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرىغا مۇنداق دېدى: سىلەر ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىڭلار، ئۇلارنى ئۇكرائىنادىن ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار. ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە ئەۋەتىلىشى ئۆلۈم يولىغا ماڭغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئۇكرائىنا دائىرىلىرى رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇتراتقۇلۇق، زوراۋانلىق قىلىش ھەمدە ئەل ئارىسى قۇراللىق كۈچلىرىگە ياردەم بېرىشىنى ئەيىبلىدى . بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئۆز تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم رۇسىيە مۇنتىزىم قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


شۇ كۈنى ئەتىگەندە رۇسىيە ئارمىيىسى يەنە مۇنداق دېدى:قىسمىمىز ئۇكرائىنا ئەل ئارىسى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ بايرىقىنى ئېسىۋالغان بىروۋنىۋىك كالونىنىڭ رۇسىيىدىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مالوفور شەھىرىگە بېرىشىنى توستى.


بۇ كالوندا 10 تانكا، ئىككى بىروۋنىۋىك، ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى بار بولۇپ، شەرقىي قىسىمدىكى سىرباك كەنتىدىكى چېگرا ئارقىلىق كىردى. بۇ كەنت ئەل ئارىسى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ تىزگىنلەش دائىرىسىدە ئەمەس ئىدى، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلار ئىككى تانكىنى بىتچىت قىلغان. رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلدى. رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 25-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشكە ئورۇنۇۋاتىدۇ دېگەن خەۋەرلىرى يالغان بولۇپ، بۇ تەشۋىقات ئۇرۇشى.


رۇسىيە ئاگېنتلىقى لاۋرۇفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا يېقىندا توپچى قىسمىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرگەن رۇسىيە بىروۋنىۋىك كالونىنى بىتچىت قىلدى دېدى. ئەنگلىيىنىڭ ئىككى تاراتقۇسى ھەتتا بۇ قېتىمقى تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.بىراق ئۇكرائىنا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكمىسىمۇ بۇ ۋەقەنى ئىسپاتلىمىدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمەن.


ئۇكرائىنا زوڭتۇڭى پوروشىنكو 26-ئاۋغۇست بېلورۇسىيىنىڭ پايتەختىدە تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر يەنى رۇسىيە، بىلروسىيە، قازاقىستان بىلەن ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشتى .پوروشىنكو بۇ قېتىم رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن بىلەن نەچچە ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشى مۇمكىن. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 26-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئۇچرىشىش ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.


ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 26-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى:بىر ئۇچۇم رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئۇكرائىنا تەۋەسىگە كىرگەندە تۇتۇۋېلىندى. ئۇلار ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن كىرگەن. بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئەسكەرلىرى خاتا ھالدا چېگرادىن ھالقىپ كەتكەن ، رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئەسكەرلىرى چېگرانى چارلاۋاتقاندا ئۇكرائىنا تەۋەسىگە كىرىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن،مەن دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىدىم.



خەتكۈچلەر:
28-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek