ئامېرىكا ئالاھىدە ئەسكەرلىرى يەمەندىكى تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشتا مەغلۇب بولدى

ئامېرىكا ئارمىيسى دۈشمەننىڭ بازىسىغا كىرگەندىن كېيىن سامىرس بىلەن يەنە بىر تۇتقۇننىڭ تىنىقى بارلىقىنى بايقىغان . لېكىن ئۇلار قاتتىق يارلانغان بولغاچقا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان .

يەرشارى تورى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، جۇڭشىن ئاگېنتلىقى 6 - دېكابىر ۋاشىنگتوندىن بەرگەن تېلېگراممىسى . ئامېرىكا ئارمىيسى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان ئامېرىكا پۇقراسى سامىرسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن شۇ يەر ۋاقىتى 6 -چېسلا سەھەردە يەمەننىڭ شەرقى تەرپىدە قۇتقۇزۇش ھەركىتى ئېلىپ باردى . ئامېرىكا ئارمىيسى دۈشمەننىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن سامىر بىلەن يەنە بىر تۇتقۇننىڭ تىنىقى بارلىقىنى بايقىغان . لېكىن ئۇلار قاتتىق يارلانغان بولغاچقا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان .

ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، “ بازا “ تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تەھدىت سالدىغان فىلىمنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 5 - چېسلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى باشلىغان . 6 - چېسلا سەھەردە 40 نەپەر ئامېرىكا ئالاھىدە ئەسكىرى cv-22 “ بېلىق بۈركۈتى “ توشۇغۇچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ شوبۋە ئۆلكىسىدىكى “ بازا “ تەشكىلاتىنىڭ بازىسىغا كىلىپ ئۇ قۇراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن تۇتىشىپ كەتتى .

ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمىدىكىلەر بۇ بازىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن سامىر بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىلىق تۇتقۇن كىرجىنى تاپتى . بۇ ئىككىيلەن ئامېرىكا ئارمىيىسى كىرىشتىن بۇرۇن قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارلىنىپتۇ ، لېكىن تىنىقى بار ئىكەن . ھەركەتكە قاتناشقانلار بۇنى كۆرۈپ تىزدىن قۇتقۇزۇشقا باشلىغان .ھەم ئۇلارنى تىزدىن ئامېرىكا ھەربىي كېمىسى “ ئالتۇن ئات ئارىلى “ كېمىسگە يۆتكىگەن . ئۇلارنىڭ يارىسى ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا بىرسى يۆتكەش جەريانىدا يەنە بىرسى ئوپراتسىيە ئۈستىلىدە قازا قىلغان .

سامىر بۇ يىل 33 ياش ، ئامېرىكىلىق سۈرەتكە تارتقۇچى مۇخبىر ، ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان . كىرىجى جەنۇبى ئافرىقىلىق ئوقۇتقۇچى ئىكەن . ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا تۇتقۇن قىلىنىغان . ئامېرىكا تەرەپ ئالدىنقى ئاينىڭ 25 - كۈنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ مەغلۇب بولغان .

دۆلەت مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە 6 - چېسلا دىكى قۇتقۇزۇش يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان ، 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئېتىشقان . يەمەن ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ھەركەتكە قوشۇلغان ھەم ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ ھەركىتىگە ياردەمدە بولغان . ئامېرىكا ئارمىيسى ھەرىكەت جەريانىدا 6 قۇراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىغان . ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ھېچقاندا يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن .

ئامېرىكا مىنىسىترلىكى ۋە شتات ئوفىتسېرى بايانات ئېلان قىلىپ “ بازا “ تەشكىلاتىنىڭ ئۇلارنى قىلمىغانلىقنى ئەيىبلىدى . ئامېرىكا بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى



خەتكۈچلەر:
08-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
Powered by Leglek