ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئەلئارا قوراللىق كۈچلەر يېقىندا بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بېكىتىلگەن ھەربىي ئارىلىق رايونىدىن چېكىنىشكە باشلىدى. بۇ ئۇكرائىنا توقۇنىشىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئۇرۇش توختىتىپ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تاشلىغان يەنە بىر مۇھىم قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئەلئارا قوراللىق كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرى 20-سىنتەبىر بېلىرۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسكىدا بىر ئەسلەتمە ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ 5-سىنتەبىر ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان رايونغا يېقىن ئەتراپتا كەڭلىكى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ھەربىي ئارىلىق رايونى تەسىس قىلىشقا قوشۇلغان ئىدى.
ئۇكرائىنادا توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ 22-سىنتەبىر ئېغىر زەمبىرەكلىرىنى بېكىتىلگەن ھەربىي ئارىلىق رايونىدىن چېكىندۈرۈشكە باشلىدى، بۇ- بۇ ئەسلەتمىنىڭ كونكىرېت ئەمەلىيلەشتۈرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved