روسىيە ئەڭ يۇقىرى قانۇن ئورگىنىنىڭ خەۋەر بۆلۈمىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ،روسىيە ئەڭ يۇقىرى قانۇن ئورگىنى 12-ئاينىڭ29-كۈنى ئاشقۇن تەشكىلات ‹‹ئىسلام دۆلىتى››بىلەن ‹‹سۈرىيە خەلىق غازادچىلىرنى قوللاش سېپى ››قاتارلىقلارنى تېرورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلغان .
ئەڭ يۇقىرى قانۇن ئورگىنى ۋەكىلنىڭ ئېيتىشىچە :‹‹ باش تەپتىش ئىشخانىسى ئەڭ يۇقىرى قانۇن ئورگىنىدىن بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرنىڭ روسىيە چېگراسى ئىچىدە ھەركەت قىلشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان .›› . ‹‹سۈرىيە خەلىق غازادچىلىرنى قوللاش سېپى ›› 2012-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ، ‹‹بازا ››تەشكىلاتنىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى ھەقىقىي تارمىقى ئىكەن ھەمدە ئامىرىكا ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرپىدىن ئاللىقاچان تېرورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان ‹‹ئىسلام دۆلىتى ››ئىراقنىڭ غەربى ۋە سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چوڭ بىر بۆلەك رايوننى ئىشغال قىلۋالغان . ئامىرىكا 9-ئاينىڭ10-كۈنى جاكارلاپ ئىسلام دۆلىتىگە سىستىملىق ھاۋادىن بومباردىمان قىلدىغانلىقنى بىلدۈرگەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹‹ئىسلام دۆلىتى ››گە زەربە بىرىش خەلقئارالىق بىرلەشمە ئەترەت قۇرۇشنى باشلىغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved