مىسىر قوراللىق توقۇشتىن خالىي رايون قۇرۇش ئۈچۈن، 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەربىي سىناي ئۆلكىسىنىڭ رافا شەھىرىدىكى مىسىرنىڭ غەززە رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونغا 500 مېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى ئاھالىلەرنى چېكىندۈردى.
مسىىر ھۆكۈمىتى 28-ئۆكتەبىر كەچتە بۇ پىلان دائىرىسىدىكى ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ 48 سائەت ئىچىدە چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى.
مىسىرنىڭ شىمالىي سىناي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇل فاتاخ خابو 29-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بۇ رايونىدىكى 1 مىڭ 165 ئائىلە يۇرت ماكانىدىن چېكىندى. خابو مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت چېكىنگەن ئاھالىلەرگە كۆچۈش تۆلىمى بېرىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا يېڭى تۇرالغۇ تېپىپ مۇۋاپىق ئورۇندا ئورۇنلاشقانغا قەدەر ياردەم بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved