لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن پايتەخت ترىپولىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى، لىۋىيە خەلق ئارمىيەسىنىڭ پايتەختكە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: ھەر قانداق كىشى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ترىپولىغا كىرىشىگە، پۇقرالار ۋە ئومۇمنىڭ مال مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە ئورۇنىدىكەن ، لىۋىيە خەلق ئارمىيەسى ئۇنىڭغا قورال كۈچى ئىشلىتىدۇ.
ئۆكتەبىردىن بۇيان، لىۋىيە خەلق ئارمىيەسى دىندىن خالىي كۈچلەرنى قوللايدىغان بىر قىسىم قوراللىقلارنى كەينى كەينىدىن ئۆزىگە قوشۇۋالدى ھەمدە دىنى قوراللىقلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئورۇندى . ھازىر لىۋىيە خەلق ئارمىيەسى بەنغازىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. 23-نويابىر لىۋىيە خەلق ئارمىيەسى پايتەخت ترىپولىنى ئازاد قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved