ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى 89 ياشلىق سابىق پاراشۇت ئەسكىرى ئاركادىي رۇسىيەدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ بەدەن چەكمىسىگە قاراپلا ئۇلارنىڭ جىنايەت تارىخىنى بىلەلەيدىكەن. ئاركادىي ئەسلى پاراشوت ئەسكىرى بولۇپ، ھازىر رۇسىيەدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ بەدەن چەكمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان داڭلىق مۇتەخەسسىس ئىكەن. ئۇ 1985-يىلىدىلا 20 مىڭ پارچىگە يېقىن جىنايەتچىنىڭ بەدەن چەكمە سۈرىتىنى يىغىپ ساقلىغان ۋە تەتقىىق قىلىشقا باشلىغان، كېيىن ئۇ رۇسىيەدىكى جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ بەدەن چەكمىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇ تەرەپتىكى ئىزدىنىشىنى تېخىمۇ ئىنچىكلەتكەن.
نۆۋەتتە ئۇ جىنايەتچىنىڭ بەدىنىدىكى چەكمىنىڭ شەكلى ۋە ئورنىغا قاراپ، بۇ جىنايەتچىنىڭ تۈرمىدە قانچە يىل ياتقانلىقى، قانداق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە جىنايەت گۇرۇھىدىكى ۋەزىپىسىنى بىلەلەيدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved