ياپونىيە كابىنېتىنىڭ ئەمەلدارى يوشىخىدى سودا 22-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونويوخىينىڭ سۆزىگە ۋارىسلىق قىلىش فاڭجېنىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، بىراق ئۇ كونويوخىينىڭ ئەينى يىلدا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاياللارنى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا مەجبۇرلاشنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى سۆزىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1993-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ياپونىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كابىنېت ئەمەلدارى كونويوخىي ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيلەرنى ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسلىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلىپ، ئۇرۇش دەۋرىدە ياپونىيە دائىرىلىرى بىلەن ئارمىيەسىنىڭ ئاياللارنى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ۋە ئۇلارنى خورلاشقا بىۋاسىتە قاتناشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ھەمدە بۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغان ۋە ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كونويوخىي، ئاياللارنى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا مەجبۇرلاش ئىشىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved