ئېلىمىزىنىڭ ئاكادېمىكلار تۈزۈمى يېڭىلاندى

سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىندا ئاياغلاشقان ئاكادېمىكلار يىغىنىدا ئىككى تەرەپ ئاكادېمىكلىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامنامىسىنى ئاۋازغا قۇيۇپ ماقۇللىدى . ھازىرقى نىزامدا ئاكادېمىكلارنى تاللاش قاتارلىق ماددىلار ئۆزگەرتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى . ئاكادېمىكلارنىڭ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىش ماھىيىتى نۇقتىلىق تەكىتلەندى .


بۇلتۇر يىل ئاخىرغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 2149نەپەر پەن تېخنىكا خىزمەتچىسى ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكى بولدى ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1527 نەپەر كىشىسى ھازىرمۇ ھايات ،دۆلىتىمىزنىڭ ئاكادېمىكلار تۈزۈمى ئورنىتىلغىنىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشتى . بۇ تۈزۈم نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ ،لېكىن دەۋەر ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ،ئاكادېمىكلارنى تاللاش تۈزۈمى ،ئۆمۈرلۈك ئاكادېمىك تۈزۈمى ،ئاكادېمىكلارنىڭ قۇشۇمچە ۋەزىپىسى ئىش ھەققىي قاتارلىقلار جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا بۇلۇپ قالدى .ئاكادېمىكلار ئارىسىدا تۈزۈمگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت ،ئايرىم ئاكادېمىكلاردا ئاكادېمىكلار نىزامنامىسى ،ئاكادېمىكلار تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشتا ،قېلىپلاشمىغان يەرلەر بار ، شۇڭا ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك .بۇ قېتىمقى ئاكادېمىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ،جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى . بولۇپمۇ ئاكادېمىك تاللاش مىخانىزىمىدا تولۇقلاپ كۆرسىتىش تۈزۈمى ياخشىلاندى .

ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تاماقلىرى ،يەرلىك ۋە ئارمىيە قاتارلىق نامزات كۆرسىتىش يوللىرى بىكار قىلىندى . مەمۇرىي ئامىللاردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ساقلاندى . ئاكادېمىك نامزاتىنى كۆرسىتىشتە ،ئاكادېمىكلار جۇڭگو پەن تېخنىكا جەمئىيتى تەشكىللىشىدىكى ئىلمىي تەشكىلات كۆرسەتكەن نامزاتلار ئاساس قىلىنىدۇ ، ئاكادېمىك تالاش تۈزۈمىدە ئەسلىدە يەرلىك تارماق ۋە ئارمىيىنىڭ ئالاقىدار تارماقلار نامزات كۆرسىتىشى سۇبىكىت قىلىناتتى ، بۇنداق بولغاندا مەشغۇلات جەريانىدا بەزى يەرلىك تارماقلار ئەھۋالنى زىيادە كۆپتۈرۈش ،نامزات كۆرسىتىش جەريانىدا ئاكادېمىك نىزامنامىسى بىلەن ئاكادېمىك تاللاش مىخانىزىمىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئىدى .


بۇ قېتىملىق ئاكادېمىك كۆپەيتىپ تاللاش ئىسلاھاتىدا خەلقئارادا كەڭ قوللىنىدىغان ئۇسۇل ئۆرنەك قىلىندى . ئىلگىرى ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ تاللاشتا نامزات تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاكادېمىكلار بۆلۈمىدىكى ئاكادېمىكلار باھانىسىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاكادېمىكلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتسىلا بولاتتى ، ھازىر پۈتكۈل ئاكادېمىكلار بېلەت تاشلاش ھالقىسى كۆپەيتىلىپ ،نامزاتقا قوشۇلغانلار سانى پۈتكۈل ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك بولسا ئاندىن سايلىنالايدۇ . بۇ خىل ئىسلاھات ئارقىلىق ئاكادېمىك تاللاشتا ئىلىمنى چەكلەش ۋە كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى مۇھىم تۇتقا قىلىنىدۇ .شۇنداقلا ئاكادېمىك تۈزۈمىنىڭ ئىلمىيلىكى كۈچەيتىلىدۇ .

 

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 17-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 12-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى 9-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا داغادۇغىلىق ئېچىلدى . جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.


شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 9-ئىيۇن تېلېگراممىسى : جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 17-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 12-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى 9-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق ›› سارىيىدا داغادۇغىلىق ئېچىلدى . جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى . ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئېلىمىز پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات نىشانى يېڭىلىق يارىتىش ، يېڭىلىق يارىتىش ، يەنە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت . يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرققىياتنى قوزغاش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئەڭ ئاساسلىقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ، ئەڭ جىددىي بولغىنى تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدىكى توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلاپ ، پەن تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازاد قىلىش ۋە قوزغاشتىن ئىبارەت .جۇڭگوچە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن مېڭىپ ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارتىىش ، نۇقتىلىق ھالقىش ، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش لازىم .


جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشيەن ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى .


شى جىنپىڭ سۆزىدە ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ، ئىككى ئاكادېمىك يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى .
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى مەملىكىتىمىز پەن-تېخنىكا ساھەسى ، قۇرۇلۇش تېخنىكا ساھەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى ، دۆلەتنىڭ بايلىقى ، خەلقنىڭ ئىپتىخارى ، مىللەتنىڭ شان-شەرىپى . ئۇزۇندىن بۇيان ، كەڭ ئاكادېمىكلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسىنى قوغلىشىپ ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلەپلىرىنى مۇجەسسەملەپ ، ئىلىم-پەننىڭ چوققىسىغا جاسارەت بىلەن يامىشىپ ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىسى ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە سەرخىل دۆلەت سىياسىتى جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى .


شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى‹ : جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي مېڭىشىمىز لازىم .پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشى ئالدىدا ، بىز چوقۇم ئىز بېسىپ يېتىشىپ مېڭىپ ، بار كۈچىمىز بىلەن قوغلاپ ، ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك . تارىخىي پۇرسەت دائىم سەل بوشاشساقلا قولدىن كېتىپ قالىدۇ ، بىز ھازىر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تارىخي پۇرسەتكە يولۇقماقتىمىز ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساق، قايتا كەلمەيدۇ ، شۇڭا ئۇنى چىڭ تۇتۇۋېلىشىمىز لازىم . يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى قوزغاش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى . پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بارلىق ئىدىيەۋى توساق ۋە تۈزۈلمە توساقلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك بولۇشتىن ، كەسىپتە كۈچلۈك بولۇش ، ئىقتىسادتا كۈچلۈك بولۇش ، دۆلەت كۈچلۈك بولۇشقىچە بولغان تونىلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، ھەر قايسى ئاساسىي گەۋدىلەر ، ھەرقايسى تەرەپلەر ، ھەرقايسى ھالقىلارنى ئورگانىك ھالدا ئۆزئارا ھەرىكەتلىنىدىغان ، ماسلىشىشچان ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم .


شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ‹يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى چاقىرماقتا . ئېلىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدە ئىختىساسلىقلارنى بايقاپ ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئىختىساسلىقلارنى مۈجەسسەملەپ ، كۆلىمى زور ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ، ساپاسى يۇقىرى يېڭىلىق يارىتىشچان پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك .
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : كەڭ ئاكادېمىكلار ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسەن ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئاكادېمىك تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى .

بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىلىم يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، زۆرۈر بولمىغان ئارىلىششىلارنى ئازايتىپ ، ئاكادىمىكلارنى تاللاش مېخانىزمى، پەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ، ياش قۇرۇلمىسى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ۋە تەمىناتى ، پېنسىيەگە چىقىش ، چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەلەشتۈرۈپ ، كەڭ ئاكادىمىكلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ ، ئەڭ ئالدىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى بايقاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ ، ئاكادېمىكلار توپىنىڭ شەرىپى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بولۇپمۇ ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاكتپىلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش لازىم . 

ئىككى ئاكادېمىيە كەڭ ئاكادېمىكلارنى تەشكىللەپ ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش ، تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ ، ئىلمىي مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق ئىلمىي قارار چىقىرىشقا تىرەك بولۇپ ، ئىلمىي قارار ئارقىلىق ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىشى كېرەك .››.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
17-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: سۇمۇرۇغ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek