بىرىنچى ئورۇندىكىسى: FA-22A F-22 «يىرتقۇچ قۇش» بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان
FA-22A F-22 «يىرتقۇچ قۇش» بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان بولسا ئامېرىكا لوكشىن مارتېن شىركىتى ۋە بويىن شىركىتى بىرلىكتە تەقىق قىلىپ ياساپ چىققان تاق ئورۇندۇق، قوش ماتورلۇق يۇقىرى كۆرۈنمەسلىك ئىقتىدارىغا ئىگە 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان. شۇنداقلا دۇنيا بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدە ھەربى قىسىمغا سەپلەنگەن 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. F-22 2000-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلاپ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە ھەربى خىزمەت ئۆتەشكە باشلىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەۋلاد ئاساسلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بولغان 15 F- قۇرغۇي ئايروپىلاننىڭ ئورنىنى ئالغان.
ئىككىنچى ئورۇندىكىسى: قىرغۇچى 20 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان
قىرغۇچى 20 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان جۇڭگو ئۆزى مۇستەقىل تەقىق قىلىپ ياساپ چىققان قوش ماتورلۇق ئېغىر تىپتىكى كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان.قىرغۇچى 20 تىپلىق ئايروپىلان ئاۋازدىن تىز بولغان ئۇچۇش چارلاش ئىقتىدارى ۋە يۇقىرى ھەرىكەتچانلىقنى ھازىرلىغان بولۇپ، 2016-يىلى ئاز دېگەندىمۇ 8 دانە كۈرەشچى ئايروپىلان ھاۋا ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىلىپ، سىناق قىلىش ۋە ئۇچۇش ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن.
قىرغۇچى 20 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان تۇنجى نۇسخىسى 1-ئاينىڭ 18- كۈنى سىناپ ئۇچۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
ئۈچىنچى ئورۇندىكىسى: F-35A F-35 تىپلىق ئايروپىلان
F-35A F-35 تىپلىق ئايروپىلان ئامېرىكا لوكشىن مارتېن شىركىتى لايىھەلەپ ئىشىلەپ چىقارغان تاق ئورۇندۇق، قوش ماتورلۇق كۈرەشچى ئايروپىلان. F-35 بولسا ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش، ھاۋا مۇداپىئە زەربە قاتارلىق كۆپ خىل ۋەزىپىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ شۇنداقلا ئۇ 3 خىل تۇغۇندى تېپقا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى يۈگۈرۈش يولىدىن ئۇچۇپ قونالايدىغان F-35A، قىسقا ئارىلىقتا تىك ئۇچۇپ تىك قونالايدىغان F-35B ۋە ئاۋىياماتكىغا سەپلىنىدىغان F-35C قاتارلىقلار. F-35 بولسا ھازىرقى كۈرەشچى ئايروپىلان دەۋرىدىكى 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان تۈرىگە تەۋە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى كۆرۈنمەسلىك ئىقتىدارى، ئىلغار بولغان ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسى ۋە ئاۋازدىن تىز ئۇچۇش چارلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئايروپىلاندۇر.
تۆتىنچى ئورۇندىكىسى : FA-18E FA-18E بەلگىلىك ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ھۇجۇمچى كۈرەشچى ئايروپىلاندۇر. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا ئىشەنچلىك ۋە ئاسراشقا قولايلىق، جەڭ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، كۆرۈش بۇلۇڭى چوڭ، ئۇچۇش ئىقتىدارى ياخشى ھەم سەپلەنگەن قوراللارنىڭ نىشانغا دەل تېگىش نىسبىتى يۇقىرى. تونۇشتۇرلىشچە: مەزكۇر ئايروپىلان ئۇدا 6000 سائەت ئۇچالايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، سەپلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ۋە سەرپىيات ئۈسكۈنىلىرىنى %98 ئۆزىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved