ھاياتتىكى پۇل تاپىدىغان ئۈچ باسقۇچ

 

پۇل تېپىشنىڭ تۈپ پرىنسىپ ۋە تۈپ ئۇسۇلىنى مۇنداق «بىر مەركەز، ئۈچ تۈپ نۇقتا»غا يىغقىلى بولىدۇ: پۇلنىڭ باشقۇرۇشىنى مەركەز قىلىپ «پۇل تېپىشنى پەللە، پۇل تېجەشنى مۇھىم نۇقتا، پۇلنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش». كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۈچ مۇھىم باسقۇچىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى مۇنداق بۆلۈشكە بولىدۇ: ياشلىق دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- پۇل تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىشنى سىناپ بېقىش؛ ئوتتۇرا ياش دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- داۋاملىق پۇل تېپىش، زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىش؛ ياشانغان دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- پۇلنى ئوبدان ساقلاپ، ئاز-ئازدىن مەبلەغ سېلىش.

ياشلىق دەۋر (18 ياشتىن 35 ياشقىچە) ياشلىق دەۋر ئەمدىلا مۇستەقىللىق مۇساپىسىنى باشلاپ خىزمەت ئورنىغا چىققاننىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغاچقا، كىرىم ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە تازا مۇقىم بولمايدۇ، ئەمما تۇرمۇشتا پۇل خەجلەيدىغان يەرلەر بەك كۆپ يەنى مۇھەببەت باغلاشقا، توي قىلىشقا، بالىلىق بولۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ ھەتتا بەزىلەر ئۆي سېتىۋالمىسا، ئاپتوموبىللىق بولمىسا تېخى بولمايدۇ. شۇنچىلىك ئاز كىرىمگە سېلىشتۇرساقلا، ياشلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.

 

ياشلىق دەۋرىدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىش «سۇ ئامبىرىنى رېمونت قىلىش»، ئۇنىڭ نەتىجىسى«سۇ ئامبرىدا ئازدۇر-كۆپتۇر سۇ بولۇش» بولۇشى كېرەك. شۇڭا پۇل تېپىش ياشلىق مەزگىلىڭىزنىڭ پۇل تېپىش پىلانىدا مۇھىم نۇقتا بولمىسا بولمايدۇ، بىراق ياشلاردا خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك بولمايدۇ، شۇڭا «سۇ ئامبىرىڭىزدىكى سۇ»دىن ئازراق ئېلىپ، مەبلەغ سېلىشنى سىناق قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: پاي چەك ياكى فوند سېتىۋېلىڭ، شۇندىلا ئوتتۇرا ياش باسقۇچىغا قەدەم قويغان چېغىڭىزدا لازىم بولىدىغان تەجىربىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز، بۇ ئەلۋەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەبلەغ سېلىشىڭىزغا ئاساس بولۇپ بېرىدۇ.

ئوتتۇرا ياش دەۋر (35 ياشتىن 55 ياشقىچە) ئادەم ئوتتۇرا ياش دەۋرىگە يەتكەندە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا باشلايدۇ، كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا پىششىپ يېتىلىش يولىغا كىرىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، كىرىممۇ تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ، گەرچە كۈندىلىك چىقىم ئېشىپ بارسىمۇ، ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما پۇل تېپىش يولى كۆپەيگەچكە، كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ياشلىق دەۋرىدىكىدىن خېلىلا تېز بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا پىلانلىق چىقىم قىلىش يولىدىن ۋاز كەچمەي، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك پۇل تېپىشقا تىرىشىش كېرەك، شۇندىلا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىشقا شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.

 

كىرىم بىر قەدەر مۇقىم، مالىيە ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشكە تىرىشماي بولمايدۇ. مەسىلەن: پاي چەك سېتىۋېلىش، كۆچمە مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، باشتا تىلغا ئېلىنغان «سۇ ئامبىرى»غا قۇيۇلىدىغان سۇ مەنبەسىنى ئۇلغايتىش لازىم. شۇندىلا «سۇ ئامبىرى»دىكى سۇنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېزلا يېتىپ كىلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىغا مالىيە جەھەتتىن پۇختا تەييارلانغىلى بولىدۇ.

ياشانغان مەزگىل (55 ياشتىن كېيىن) ياشانغان مەزگىل كىشىلىك ھاياتنىڭ بەھۇزۇر بەھرلىنىدىغان باسقۇچى، بۇ چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە «سۇ ئامبىرى»دىكى سۇنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. بۇ ياشقا كەلگەندە پاي بازىرىدا لاغايلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، كۆچمە مۈلۈك ۋە فوندلارغا مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشمۇ ھاجەتسىز، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، «سۇ ئامبىرى»مىزدىكى سۇنى ساقلاشقا كۈچەش ئەڭ مۇھىم.

 

دېمەك ياشانغانلارنىڭ پاي چەك بىلەن فوندقا مەبلەغ سېلىشىنى تەشەببۇس قىلمىغان ياخشى. جەمئىيەتتە پاي چەك بىلەن فوندقا مەبلەغ دېگەننى ئايىماي سېلىۋاتقان بوۋاي، مومايلار ئاز ئەمەس، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ارىشىچە، بۇنداق قىلىش ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ۋە ياشانغان چېغىدىكى بەختنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا پايدىسىز ئىكەن. ئەمما ئاز-تول مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ.

 

ئەگەر ئكزىڭىز خالىسىڭىزلا، پاي چەك بىلەن فوندقا مۇۋاپىق سوممىدا مەبلەغ سېلىپ تۇرۇڭ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەبلەغ سېلىش مىقدارىنى ئازايتىڭ، بولسا پاي ۋە فوندقا سالغان مەبلىغىڭىزنى «سۇ ئامبىرى»ڭىزغا تولۇق چېكىندۈرۈڭ. پۇل تېپىش قارىشىدىكى خاتالىقتىن قۇتۇلۇش پۇل تېپىش كېرەكمۇ-يوق ۋە قانداق پۇل تېپىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدە مۇنداق بىر خاتالىقتىن ئامال بار ساقلىنىڭ: پۇل تېپىش پۇلى بار ئادەمنىڭ ئىشى، پۇل بولمىسا پۇل تاپىمەن، دەپ جاپا تارتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا، مەيلى پۇلى بار ئادەم بولسۇن ياكى پۇلى يوق بولۇپ قېلىشتىكى تۈپ سەۋەب دەل ئاشۇ پۇل تېپىشنىڭ يولىنى قىلمىغانلىقتا بولسا كېرەك. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز، ئېھتىمال ناھايىتى تېزلا پۇلى يوق ئادەمدىن پۇلى بار ئادەمگە ئايلىنىشىڭىز مۇمكىن.

 

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق ئادەم پۇلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپلا يۈرمەي، پۇل تېپىشنىڭ يولىنى قىلىشى كېرەك. بىزگە ئەجدادلار «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس!» دەپ ھېكمەت قالدۇرغان، ۇبنىڭ مەنىسى بەلكىم باشقىلاردىن قېلىشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەختلىك كەلگۈسىنى يارات! دېگەنلىك بولسا كېرەك.



خەتكۈچلەر:
29-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek