ئۈرۈمچىدە ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان ھەربىر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 1.66 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 16-دېكابىر شەھەر سۇ بىلەن تەمىنلەش پاكىت ئاڭلاش يىغىنى چاقىرىپ ، شەھەرلەردىكى سۇ باھاسىنى تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان .


شەھەرنىڭ سۇ باھاسىنى تەڭشەش لايىھەسىدە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇنىۋېرىسال ئوتتۇرىچە سۇ باھاسىنىڭ ھەر بىر كۇب مېتىرى 2.34 يۈەنگە تەڭشىلىدىغان بولۇپ ، ھازىرقى باھادىن 0.98 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ ، ئۆسۈش نىسبىتى %72.06 بولىدىكەن . ھازىرقى ئالتە تۈرلۈك سۇ باھاسىغا ئاساسەن ، شەھەر تۇرۇبا سۈيى باھاسىنىڭ تەڭشىلىشى تۆۋەندىكىدەك : (1) ئاھالىلەر تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەربىر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 1.16 يۈەندىن 1.66 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن . (2) سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ھەر بىر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 1.28 يۈەندىن 2.70 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن . (3) سودا ، مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەر بىر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 2.24 يۈەندىن 4.44 گە تەڭشىلىدىكەن .

(4) كۆكەرتىش ، مۇھىت ئاسراش ، ئوت ئۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ھەر بىر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 0.70 يۈەندىن 1.66 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن . (5) ئاساسىي قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر بىر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 3.34 يۈەندىن 6.63 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن . (6) ئالاھىدە ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر بىر كۇب مېتىر سۇنىڭ باھاسى 8.50 يۈەندىن 16.86 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن .


ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىملىق پاكىت ئاڭلاش يىغىنىغا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھاۋالىسى ، كەسپىي ئورۇنلاشنىڭ تەۋىسيەسى ۋە باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىستېمالچى ، تىجارەتچى ، مۇتەخەسىس ، ئالىملاردىن بولۇپ جەمئىي 22 ئادەم قاتناشقان . يىغىن ئىشتىراكچىلىرى 15-دېكابىر ئۇلانباي سۇ ئامبىرى ، سەيۋوپو كۆلى ، گەنچۈەنباۋ « 500 » سۇ ئامبىرى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ بايلىقى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .

 



خەتكۈچلەر:
18-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندونېزىيە ئاسېخ ئۆلكىسى (Aceh)، شۇ كۈنى ئاسېخ ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەرەپ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن 7.9 توننا پىيازغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم ئەتكەسچى بۇ ...
27-04-2016
    رۇسىيە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ دانلىق زىئارەت ھەمدە ياسالما مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 10 مىليون 1...
26-04-2016
  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 26-ئاپرېلدىن 5-مايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى قوي ۋە كالا گۆشىنى بىۋاستە ساتىدىغان 13 نۇقتىدا سېتىش تېزلىتىلىپ، قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 39.8 يۈەن، كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 47 يۈەندىن سېتىلىدىكەن.    ...
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
Powered by Leglek