شياڭگاڭدا چىقىدىغان ئەدەبىي مەجمۇھالە گېزىتىنىڭ 10-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە: يېقىندا گېرمانىيە يېڭى ئەسلىمىسىنى تەشۋىق قىلغان ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون 8-ئىيۇل گېرمانىيەدە چىقىدىغان ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىلنىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلۇقچە ئاڭلاش ئىشىدىن ئەپۇ سورىغان ھەمدە بۇنى خاتا، دېگەن. ئۇ گېرمانىيەنىڭ گۇماننى تۈگىتىپ، ئامېرىكا بىلەن ئاخبارات ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گېرمانىيە ئىلگىرى، ئامېرىكىدىن ئۆز ئارا نازارەت قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا بۇنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ كەلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved