يەر شارى تورى خەۋىرى: رۇسىيە ‹‹گېزىت خەۋەرلىرى›› نىڭ 10-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا يېقىندا ‹‹دەۋرىمىزنىڭ قەھرىمانى›› تېمىسىسىكى ياشلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن . پۈتۈن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزالىرى ، سىياسىيونلار ، كارخانىچىلار ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ، شۇنداقلا پەن-تېخنىكا ، مەدەنىيەت ، تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلىرى بىرەسمىي ھالدا يۈز كۆرۈشىدىكەن ھەمدە مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ يىغىننىڭ يادرولۇق تېمىسى ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت ئىكەن . شۇ سەۋەبتىن ، مەدەنىيەت تۈرلىرى رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ‹‹ ۋەتەنپەرۋەرلىك كىيىم لايىھەلەش كۆرگەزمىسى ››نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . پائالىيەت مەزگىلىدە تەسىس قىلىنغان ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك دۇكىنى ›› دىن كىشلەر رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى گېننادى زيۇگانوۋ ۋە پۇتىننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شاكىلاتقا ئېرىشكەن .
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved