ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى 40 يىلدىن بېرى ئەنگلىيەلىك ئەرلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئۇزلۈكىسز ئېشىپ، پۇتىمۇ يوغىناپ، ئىلگىرىكى 8-يارد ( جۇڭگو ئاياق رەزمىسىدىكى 43-نومۇر) لىق ئاياقتىن ھازىرقى 10-يارد ( جۇڭگو ئاياق رەزمىسىدىكى 45-نومۇر) ئاياق كىيىدىغان بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە لوندون، شېففېلد، لىز شەھىرىدىكى ئەرلەرنىڭ پۇتى باشقا شەھەرلەردىكى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا چوڭ بولۇپ، يېقىنقى ئىككى ئايدا ياشلارنىڭ 11-يارد ( جۇڭگو ئاياق رەزمىسىدىكى 47-نومۇر ) لىق ئاياققا بولغان ئېھتىياجى %83 پېرسەنت ئاشقان.
ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ماركا ياكامو ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ ماركىدىكى ئەرەنچە ئاياقلارنىڭ رەزمىسى بەش يارد چوڭايتىلغان. بەزى بىر تەنھەرىكەت ماركىسى ھەتتا 17-يارد ( جۇڭگو ئاياق رەزمىسىدىكى 53-نومۇر) لىق ئاياقلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالغان ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved