رۇسىيە بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتى نېمە سەۋەبتىن ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىدۇ؟

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتپى پىسكوف 19-دېكابىر رۇسىيەنىڭ چاۋشىيەننىڭ ئالى رەھبىرى كېم جوڭئۇننى كېلەر يىلدىكى «ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلبە كۈنى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.


بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان رۇسىيە بىلەن چاۋشىيەننىڭ سىياسى سۆزلىشىشى ناھايىتى قويۇقلاشتى، ئىقتىسادى ھەمكارلىقى مول بولدى. تەھلىلچىلەر رۇسىيەنىڭ كېم جوڭئۇننى زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، دەپ ھېسابلىدى.


سابىق سوۋىت ئىتىتپاقى بىلەن رۇسىيە ئىزچىل چاۋشىيەن ئارمىيەسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق. ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 40-يىللىرىدىن 90-يىللارنىڭ باشلىرغىچە بولغان مەزگىلدە، سابىق سوۋىت ئىتىتپاقى بىلەن رۇسىيە چاۋشيەننى زور مىقداردا ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار بىلەن قوللىدى، رۇسىيە تاراتقۇلىرى بۇ 100مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيە زور مىقداردا چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشنى ئازايتتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سوغۇقلىشىشقا باشلىدى.


چاۋشىيەن ئالى خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭنام بۇ يىل 2-ئايدا سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ زىيارىتى كۆپىيىشكە باشلىدى.


3-ئايدا رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق تەرەققىيات مىنستىرى كالوشكا چاۋشيەندە زىيارەتتە بولدى. 4-ئايدا يىراق شەرق تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قۇشۇمچە زۇڭتۇڭنىڭ يىراق شەرق فدراتسىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلوق ۋەكىلى تىروتىنىف چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، چاۋشيەنگە ھەقسىز 50 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بەردى، ئاشلىق، دورا بۇيۇملىرى قاتارلىق نۇرغۇن ماددى ئەشىيا ياردىمى قىلدى.


4-پەسلىگە كىرشى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئۈچ ئالى رەھبىرى رۇسىيەدە ئارقا-ئارقىدىن زىيارەتتە بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە كېم جوڭئۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈي لوڭخاينىڭ رۇسىيەدىكى زىيارىتى كەڭ دائىرىدە دىققەت ئىتىبارنى قوزغىدى. سۈي لوڭخاي 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيەدە يەتتە كۈن زىيارەتتە بولدى، پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كىم جوڭئۇننىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى. كېم جوڭئۇن خېتىدە مۇنداق دېدى: چاۋشىيەن رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ھازىرقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 

يېقىنقى نەچچە يىلدا رۇسىيە بىلەن چاۋشيەن بىر يۈرۈش سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى داۋاملىق ئاشتى. 2012-يىلى تەخمىنەن 800مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، 2013-يىلى 112مىليون 700مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. رۇسىيەنىڭ چاۋشيەنگە بولغان نېفىت ئېكىسپورتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، چاۋشيەننىڭ رۇسىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت قىلىش ئويى بار.


بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقى داۋاملىق تېزلەشتى. 3-ئايدا رۇسىيە بىلەن چاۋشيەن ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭدىكى نىشان- 2020-يىلغا بارغاندا، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش. بۇ يىل 5-ئايدا پۇتىن قانۇن ئىمزالاپ، رۇسىيە بىلەن چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى چاۋشيەننىڭ سابىق سوۋىت ئىتىپاقىغا نېسى قالغان قەرىز پۇلىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار كېلىشىمنى تەستىقلىدى. رۇسىيە چاۋشىيەننىڭ 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلدى. بۇ تەدبىر ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى زور ئىلگىرلەش دەپ قارالدى.


رۇسىيەنىڭ داڭلىق چاۋشيەن مەسىلىسى مۇتەخەسسسى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنى چاۋشيەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن چاۋشيەن ئورتاق چېگرىغا، ئورتاق تارىخقا ئىگە، كۆپ يىللىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار، بۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچىدا تۈرماقتا، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىقلار زىيارىتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چاۋشيەن جىددى ماددى ئەشيا ۋە مەبلەغقە ئېھتىياجلىق. كىم جوڭئۇننىڭ دىپلوماتىيە ئالاقىسى جانلىنىش باسقۇچىغا كىردى.


ياپونىيە «يۇمۇرى خەۋەرلەر گېزىتى» مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە كىم جوڭئۇننى روسىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى- ئامېرىكىنىڭ سۇيقەستىنى چەكلەيدۇ.


ئەلۋەتتە رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ تۇسالغۇلار بار. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى لاۋروف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى رۇسىيە بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە رايون مۇقىملىقىغا پايدىسىز، رۇسىيەلىك ئالىم مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانى رۇسىيەنىڭ ئىشك ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەرەلسىز بومبىغا ئوخشايدۇ، بۇ رۇسىيەنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
22-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
28-04-2016
CNNنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت 8:35 ئەتراپىدا، سانتا كلارا ناھىيەسىنىڭ ساقچىلىرى دېلو تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ كۇپېرتىنو (Cupertino)غا جايلاشقان 1 Infinite Loop بىناسىنىڭ باش ...
28-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى چالاندىيا، ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى پەلەستىنلىك ئەر پىچاق كۆتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە يېقىنلاشقانلىقتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ...
28-04-2016
    تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 27 –ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر بۇرسادا شۇ كۈنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، پارتلاشتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى قازا قىلغاندىن باشقا، يەنە ئون نەچ...
Powered by Leglek