شەخسىي پاسپورت توغرىسىدا يېڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى پايدىلىنىڭ

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 28- دېكابىر تېلىگراممىسى:لەگلەك تورىدىن:رەنا تەرجىمىسى 

    ج خ مىنىستىرلىقى 28- دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،پۇقرالارنىڭ چېگرادىن چىقىش- كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى سۇنغاندابەلگىلىمە، تەلەپلەرنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇردى .

    ج خ مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم پۇقرالارنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت، شياڭگاڭ- ئاۋمېن يول خېتى ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى، تەيۋەنگە بېرىپ- كېلىشتىكى يول خېتى ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى بېجىرىشتە لازىم بولىدىغان ئىلتىماس ماتىرىياللىرى، ئۇنى بېجىرىش ۋاقىت سۈرۈكى، مۇلازىمەت تەلىپى قاتارلىق تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلىدى ھەم تەپسىلىي ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ج خ مىنىستىرلىقى خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى شەخسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن چىقىش- كىرىش كىنىشىكىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا كىملىك بىلەن نوپۇس دەپتىرىنى تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. پۇقرالار بۇندىن كېيىن شەخسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا نوپۇس دەپتىرىنى تاپشۇرمىسىمۇبولىدۇ، ج خ ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىچكى توردىن تەكشۈرەلەيدۇ؛چېگرىدىن چىقىش- كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس ماتىرىيالىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز بولۇپ، چېگرىدىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىنىشكا بېجىرىش تەننەرخى ھەقىقەتەن ئازايتىلغان، ج خ ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئۆزلىكىدىن توپلايدۇ؛ تەيۋەنگە بېرىشتىكى چېگرىدىن چىقىش- كىرىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا، كوللىكتىپ ساياھەت ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا كوللىكتىپنى تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمىكىنىڭ تالونىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، تەكلىپ، سودا ئىشلىرى، ئىش بېجىرىش، ئوقۇش بويىچە ئالاقە ئىشلىرىنى بېجىرگەندە، تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى  چىقىرىپ  بەرگەن تەستىق خېتىنى تاپشۇرسىلا بولىدۇ.

     ج خ مىنىستىرلىقى يەنە بۇ مىنىستىرلىق بىلەن 31 ئۆلكە دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مۇلازىمەت نازارەتچىلىك تېلىفۇنىنى ئېلان قىلدى.

   



خەتكۈچلەر:
30-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek