كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، ئۇنىڭ كالىي تەركىبى ئانا سۈتىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ قان تەركىبىدىكى كالىي مىقدارىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۆرەك ئاقسىل ماددىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، كالىينى ئاجراتقاندا سۇنىمۇ بۆلۈپ چىقىرىدۇ. كالا سۈتىدىكى كالتسىي ۋە فوسفورلار ئاقسىل بىلەن بىرىككەندە ئاسانلا قېتىۋالىدۇ – دە، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا كالا سۈتىگە مۇۋاپىق مىقداردا گۈرۈچ سۈيىنى قوشۇپ بەرسە، قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ.
12 ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلارغا يېڭى كۆكتات سۈيى، يېڭى ئاپېلسىن شىرنىسى ياكى باشقا مېۋە – چىۋە شىرنىلىرىنى دائىم نورمال مىقداردا بېرىپ تۇرۇش كېرەك. ئالما، بانان قاتارلىق مېۋە – چىۋىلەرنىڭ سۈيى تەركىبىدە مول ۋىتامىنلار بولغاچقا، بوۋاقلارغا دائىم بېرىپ تۇرغاندا، ئاشقازان – ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved