شياڭگاڭ «شەرق كۈندىلىك گېزىتى» تور پونكىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىمارەتلەر دائىم چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن تەقلىدىي بۇيۇم دەپ قارىلىدۇ، يەنى پەقەت چەت ئەللەردىكى مەشھۇر ئىمارەتلەرنىڭ لايىھەسىنى كۆچۈرۈۋالغان دېيىلىدۇ، يېقىندا ئىچكىرىدىكى تورداشلار ئارىسىدا ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى باش شتاب بىناسى توغرىلىق مۇھاكىمە قىزىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ بىنا شەندۇڭدىكى بىر يۇمتال باغچىسىنىڭ بىناسىغا ئوخشاپ قالغان، يەنى تەقلىد قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت دېيىلگەن.
شەندۇڭدىكى تورداشلارنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى باش شتاب بىناسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن سېلىنغان شەندۇڭ چىلۇ يۇمتال باغچىسى بىناسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھەر ئىككى ئىمارەت چوڭ ھالقا شەكلىدە لايىھەلەنگەن، ھالقىنىڭ ئوتتۇرىدا يېشىللاشقان باغچە بار، باغچىنىڭ مەركىزىدە بىر كۆل بار، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئالما شىركىتىنىڭ باش شتاب بىناسىنىڭ سىرتقى قىسىمى ئەينەك بىلەن بېزەلگەن، چىلۇ يۇمتال باغچىسى بىناسىنىڭ سىرتقى قىسىمى بولسا پىل چىشى رەڭگىدىكى ئاق رەڭلىك ئۇيۇل تام. ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى باش ئىشتاب بىناسى دۆلىتىمىزنىڭ بىناكارلىق لايىھەسىنى تەقلىد قىلغان دېگەن گەپلەر توردا كەڭ تارقالماقتا.
بەزى تورداشلار مەسخىرە قىلىپ، جوبىسنىڭ لايىھەسى چىلۇ يۇمتال سانائەت رايونى لايىھەسىدىن ئۆرنەك ئالغان دېيىشكەن، بەزى تورداشلار ھەر ئىككى بىنا فۇجيەننىڭ يۇمىلاق ئىمارەت لايىھەسىدىن ئۆرنەك ئالغان دەپ قارىغان. بىراق ئالما مەستانىلىرى بولسا باشقىچە پىكىردە، يەنى ھەممىسى ئوخشاش چوڭ ھالقا لايىھەسى ئىشلەتكەن، لېكىن كۆچۈرگەن بولۇشى ناتايىن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved