چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆپ دۆلەت ئالىملىرى ئەيدىز ۋىرۇسىدا مەلۇم بولغان تۆت خىل ۋىرۇس تۈپىنىڭ كامېرۇندىكى شىمپەنزە بىلەن ئۇرانگۇتاندىن كەلگەنلىكىنى بايقىغان، بۇ، ئىنسانلارنىڭ تۈنجى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسى تۈپىنىڭ مەنبەسىنى تولۇق جەزىملەشتۈرۈشى ئىكەن.
نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ئەيدىز ۋىرۇسى تۈپى ئايرىم -ئايرىم ھالدا M、N、O、P تۆت خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. M بىلەن N نىڭ شىمپەنزىدىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى جەزىملەشتۈرۈلگەن. ئالىملار يېقىندا كامېرۇن ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان شىمپەنزە ۋە ئورانگۇتانلارنىڭ گېن ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى O بىلەن P مەنبەسىنىڭ كامېرۇننىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ئۇرانگۇتان ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved