تەيۋەن ‹‹ بىرلەشمە ئاخبارات تورى ›› نىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 29 ياشلىق لۇئاينى بروۋننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 114 كىلوگرام بولۇپ ، ئەڭ سېمىز كەسپى پولات تۇربا ئۇسۇلچىسى ئىكەن .
ئامېرىكىنىڭ مارىلاند ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق لۇئاينى بروۋن ئەسلى بىر بوغالتىر بولۇپ ، ئون يىلنىڭ ئالدىدا بىرىنچى بالىسىنى تۇغقاندىن كېيىن ، بەدەن قىياپىتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇسۇل سىنىپىغا تىزىملاتقان ، ئۇسۇل ئويناشقا قىزىقىپ قالغان لۇئاينى پولات تۇربا ئۇسۇلىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ خىل يېڭىچە ئۇسۇل تۈرىگە تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشنى ئويلاشقان . نەتىجىدە ، ئۇ پولات تۇربا ئۇسۇلىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالغان . لۇئاينى ئۇزۇن يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، لاياقەتلىك پولات تۇربا ئۇسۇلچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان .2012 -يىلى لۇئاينى ‹‹ ئامېرىكا تالانت سەھنىسى ›› گە قاتنىشىپ ، ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ ، باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved