دۇنيادىكى ئەڭ سىمىز ئەر كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى

يەرشارى تورى ئۇنۋېرسال قانىلى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمسى، ئەنگىليە‹‹كۈنددىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاسالانغاندا، جىنىس رىكورتىغا تىزمىلىتىلغان دۇنيادىكى ئەڭ سىمىز ئەر مىكسىكىلىق مانيىل ئۇرىيب 26-چېسلا مىكسىكىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 48 يېشىدا  ۋاپات بولغان. ئۇرىيبنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 1230 قاداق (تەخمىنەن 553 كىلوگىرام)غا يەتكەن بۇلۇپ، شۇ تۈپەيلى 2006-يىلى دۇنيا جىنىس رىكورتىغا تىزىملىتىلغان ، كىيىن ئۇ  ئۇرۇقلاپ بەدەن ئېغىرلىقنى 867 قاداق(تەخمىنەن 390كىلوگىرام) قا چۈشۈرگەن.

 

ئىگەللىنشىچە، ئۇرىيىب ياش -ئۆسمۈر ۋاقتىدىمۇ سىمىز  بۇلۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى 250قاداقتىن (تەخمىنەن 112كىلوگىرام)ئاشقان ئىكەن. 1992-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تىز سۈرەتتە ئاشقان. ئۇرىيبنىڭ ئېيتىشىچە:‹‹مەن ھەركۈنى ئادەتتىكى مىكسىكا كىشىلىرىگە ئوخشاش تاماق يەيمەن: پۇرچاق،قوناق،ئۇن تامىقى ، ھامبۇرىگ بولكىسى دىگەندەك.  مەن ئىلگىرى تېخنىكا خادىمى ئىدىم ، دائىم خەت ئۇرۇش ماشنىسى ۋە كومپىيوتىرلارنى رىمونىت قىلدىغنىم ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت ئورۇندۇقتىن تۇرماي  ئىشلەيتتىم››. 2002-يىلى يازدىن كىيىن ئۇرىيىب كارۋاتتىن قوپالماي ئاپىسى ۋە دوستلىرىنىڭ ئۆزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلشىغا مۇھتاج بولغان.

 

ئۇرىيىب ئايالى سولىس بىلەن 2008-يىلى توي قىلغان، ئۇ ئىلگىرى قىزىل گىلەمدە ئايالى بىلەن بىرگە مېڭىش ئۈچۈن يىمەكلىك ، بەدەن چېنىقتۇرۇش، تىببى داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇرۇقلىماقچى بولغان، گەرچە توي قىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ چۈشكەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا يول مېڭىشقا يار بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈك ماشنىسغا ياتقۇزۇلۇپ توي مۇراسىمى مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلغان. پۈتۈن توي مۇراسىمى تۈگىگىچە ئۇ ئالاھىدە ياسالغان كارۋاتتىن قوپماي ياتقان ئىكەن. 38ياشلىق سولىس توي مۇرسىمدا قاتتىق ھاياجانلىنىپ كۆز يېشى قىلغان، ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن ئۇرىيىب يەنە سەمرىشكە باشلىغان ، بۇ سولىسنى بەكمۇ پەرىشان قىلىپ ئاجرىشىش ئوينى پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە ئۇرىيىبنىڭ ئۆلۈپ كىتىش سەۋەبى تېخى دەللىلەنمىگەن، بىراق ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ بۇرۇندىن جىگەر كىسلىنىڭ ئازابىنى تارتىپ كەلگەن ئىكەن.  



خەتكۈچلەر:
29-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek