خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كىيىن دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. بىراق ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇشى بىلەن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئاستا ئاستا ئاخىرلىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بىراق دۇنيادا يەنىلا ئاجىز نۇقتىلار ساقلانماقتا.
جۇڭگو كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 1-ئىيۇل رەسمىي ئىمزالىنىشىغا ئەگىشىپ، 10 يىلدا 14 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇلۇق لايىھەسى رەسمىي تاماملاندى. بۇ كېلىشىم جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، رايون ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلامچىسىغا ئايلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋەكىللىكىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك دۇنيا ئىقتىسادى تەشكىلاتلىرى ساھەسىدىكى مەۋجۇتلۇقى تەدرىجىي ئاجىزلىماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ئىقتىسادى تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىرى بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان يولۇقمىغان ئەھۋاللارغا دۇچار بولدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئۇزاقتىن بۇيان ھېچ قانداق مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشەلمىدى.
دۇنيا بانكىسى دەۋھەق سۆھبىتى 2001- يىلى باشلانغاندىن بۇيان، 15 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئىزچىل تۈردە بىردەم توختاپ بىردەم ئىلگىرىلەپ، ھېچ قانداق بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئامېرىكىلىق باشلىقى 12 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كىيىن، دۇنيا بانكىسى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ رولىنى ۋە ئورنىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. برېتونسىلىن سىستېمىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئورگىنى بولغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىمۇ نورما بۆلۈشۈش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش قېيىن بولۇشتەك توسالغۇغا يولۇقماقتا.
بۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى يېتەكچىلىك قىلغان دۇنيا ئىقتىسادى تەشكىلاتى، ئۆزلىرى كۆپلىگەن قائىدە تۈزۈملەرنى بېكىتىپ، خىلى ئۇزاق ۋاقىتتا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەتتا رايونلار ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىساددا قانداق ھەمكارلىشىشتا كۆپلىگەن تاللاشقا دۇچ كەلدى. باشقىلار يول تاپالمىغان ۋاقىتتا، كۆپ مەنبەلەشكەن رايون ئىقتىسادى ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە بارلىققا كەلدى.
جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چىن فىڭيىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئىقتىساد سودا ۋە رايون ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ مەركىزى ئاسىياغا يۆتكەلمەكتە، بۇ يەر داۋاملىق ياۋرولىشىپ، شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونىدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم رايون ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتەك يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى.
ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشتىن سىرت، يېقىنقى بەش يىلدا، رايون ھەمكارلىقىنىڭ شەكلى كۈنسېرى كېڭەيدى، مەيلى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر بانكىسى ياكى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بانكىسى بولسۇن ۋە ياكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئورتاق بازار بولسۇن، بۇ خىلدىكى دائىرىسى خېلى كىچىك ھەمكارلىق گەۋدىسىدىمۇ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. دۇنيانى سوراۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك دۇنيا ئىقتىسادى تەشكىلاتلىرىمۇ ئۆزىدىكى بېسىمنى ھېس قىلدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، دۇنيانىڭ ئىقتىسادى قېلىپىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى تەشكىلاتلار بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن بۇنداق خىرىسلارغا يولۇقىدۇ؟
2008-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە تېزدىن ئۆزگىرىش بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈردى. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئاددىي قوشۇمچە شەرتلەر بىلەن ئامېرىكا بېكىتكەن كونا قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى خالىمايدىغان بولدى. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ چىن ليەنيىڭ مۇنداق: بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك دۇنيا ئىقتىسادى تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى بىر مۇھىم ئامىل، دەپ ھېسابلىدى.
سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئىزچىل تۈردە %50 دىن ئېشىپ كەلدى. بىراق بۇنداق تەرەققىي قىلىش داۋامىدىكى يېڭى كۈچلەر ئىقتىسادى تەرتىپتە يېتەرلىك ئېتىبارغا ئېرىشەلمىدى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن كېسەك بانكىسىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى غەرب يېتەكچىلىك قىلغان ئورگانلارنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمىغانلىقىغا رەددىيە بېرىش. چۈنكى پۈتكۈل يەر شارىنىڭ بەشتىن بىر قىسىم مەھسۇلات قىممىتىنى ئىگىلەيدىغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر دۇنيا بانكىسىنىڭ %10.3 نىسبىتىنى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، بىراق دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۇزاقتىن بۇيان يەنىلا تەرەپلىكلەر ئىگىلەپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرتىپىنى كونترول قىلىشتىن ئالدىراپ قول ئۈزمەيدۇ، مەسىلەن: دەۋھەق ھەمكارلىق سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، ئامېرىكا باشقا يوللارنى ئىزدەپ،TPP-TTIP يېڭى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئاق ساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئۇچتىن ئىككى قىسمىنى قاپلايدىغان بىر گەۋدىلەشكەن سودا رايونىنىڭ مەركەزلىك ئورنىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قارالدى.
بىراق، TPP نىڭ ئوخشاشلا جاپالىق سۆھبەت ئىكەنلىكى ئايان بولدى، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، يەنىلا ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە غەرب ئەللىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرتىپىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىش خىيالىدا بولماقتا، بۇ قىيىنغا توختايدۇ.
ئېتىراپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك دۇنيا ئىقتىسادى تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىرىنى ئىلىپ ئېيتساق، كەلگۈسىدىكى يول ئانچە تۈز بولمايدۇ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كۆپخىللىشىش ئامىللىرىغا يولۇقىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved