جۇڭگو ئاخبارات تورى 12- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى خەۋىرى: ئاسىيا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئاخبارات شاھزادىسى» دەپ نام ئالغان ئىلگىرىكى دېكتورى، ھازىرقى شياڭگاڭ رەقەملىك رادىئو(DBC) خەۋەر بۆلۈمىنىڭ دېكتورى ۋە نازارەتچىسى دېڭ جىڭخۇي، 24-چېسلا 12 يىللىق توي خاتىرە كۈنىنىڭ ھارپىسىدىكى «تىنچلىق كېچىسى»دە داچىسىدا بىنادىن يىقىلىپ قازا قىلغانلىقى بايقالغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ ھېچقانداق ۋەسىيەتنامە بايقىمىغان. ۋاقتىنچە ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىپ زىيان تارتىپ، ئاچچىقىدا ئەخمىقانىلىق قىلىپ قويغانلىق مۇمكىنچىلىكى ئىنكار قىلىنمىغان. ئايروخانقىز بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئايالى بېيجىڭدا تۇرۇپ بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال شياڭگاڭغا قايتىپ يولدىشىنىڭ ئاخىرەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. رەقەملىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مەمۇرىي باش لىدىرى لو سەن بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈگەن، ئاخبارات ساھەسىمۇ دېڭ جىڭخۇينىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئېچىنىپ، بەس- بەس بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا سۆز قالدۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرگەن.
دېڭ جىڭخۇي (51ياش) تەيگۇ رايونىدىن ئىجارە ئالغان ئۆيىدە ئايالى، توققۇز ياشلىق ئوغلى ۋە ئايال خىزمەتكار بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئايالى بېيجىڭدا بولۇپ، ئوغلىمۇ ئۆيدە يوق ئىكەن.
![]() |
ئامىر خان بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.
...
|
![]() |
1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved