جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋىزا بىجىرىشنى كەچۈرۈم قىلغان 38 دۆلەت ۋە رايونغا يېڭىدىن چەكلىمە قويۇپ، بۇ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ پاسپورتىغا ئىگە تېررورچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىدىن مۇداپىئەلەنمەكچى بولدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، بەزى دۆلەت ۋە رايون پۇقرالىرىنىڭ ۋىزىسىز ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئامېرىكىغا بېرىشىنىڭ مەقسىتى ساياھەت ياكى سودا ئىشلىرى ئۈچۈن بولۇشى كېرەك ھەمدە تۇرغان ۋاقتى 90 كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك. بۇ پىلانغا قاتناشقان دۆلەت ۋە رايونلاردىن 38 بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ياۋروپادا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved