جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 24-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مونتېرىي باغچىسى شەھىرى (Monterey Park) دە شۇ جاي ۋاقتى 21-چېسلا قارا رەڭلىك بىر ماشىنىنىڭ ئارقا كوزۇپىدىن سېسىپ-چىرىپ كەتكەن ئاسىيالىق بىر ئەرنىڭ جەسىتى بايقالدى، لوس ئانجېلېس ناھىيىسى ساقچى ئىدارىسى مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.مەلۇم بىر شەھەر پۇقراسى 21-چېسلا چۈشتىن كېيىن 6 لەر ئەتراپىدا ساقچىلارغا تېلېفون قىلىپ، قارا رەڭلىك بىر ماشىنىدىن ناھايىتى سېسىق پۇراق چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لوس ئانجېلېس ناھىيىسى ساقچىسى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ۋىنسېنت پىلايىر (Vincent Plair) مۇنداق دېدى، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈردى، كەچ سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ماشىنىنىڭ ئارقا كوزۇپىدىن بىر ئەرنىڭ جەسىتىنى بايقىدۇق. جەسەت تەكشۈرۈش دوختۇرى ئېد ۋىنتېر ((Ed Winter) مۇنداق دېدى، بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، بۇ جەسەت ئاسىيالىق بىر ئەرنىڭ جەسىتى بولۇپ، ئېنىق سالاھىيىتى تېخى ئېنىقلانمىدى، ساقچىلار ئۇنىڭ جەسىتىنى جەنۇبى لىنكولىن 200-نومۇر (South Lincoln Avenue 200) لۇق كوچىدىن تاپتى، ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر ماشىنىنىڭ بۇ جايغا توختىتىپ قويۇلغىنىغا بىر قانچە كۈن بولغان.لوس ئانجېلېس ناھىيىسى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس قاتىللىق دىلوسىغا مەسئۇل ئورگىنىنىڭ ساقچى ئەمەلدارى بىل كوتتېر (Bill Cotter) مۇنداق دېدى، ھازىر بىز تېخى بىرەر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتمىدۇق، مەزكۇر جەسەت بايقالغان ماشىنىمۇ ئوغۇرلانغان ماشىنا ئىكەن.
2010-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق-مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مونتېرىي ناھىيىسىدە 60 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، ئاسىيالىقلار ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئىكەن. مەزكۇر ئەرنىڭ جەسىتى گارۋېي (Garvey) ۋە گارفىلىد (Garfield) كوچىلىرىنىڭ كىسىشىش ئېغىزىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئەتراپىدا جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسى ۋە جۇڭگولۇقلار يىغىلىدىغان دۇكانلار بار ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved