ئامېرىكا ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، 13 يىل بۇرۇن «11- سېنتەبىر» تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن چاغدا، دۇنيا سودا سارىيىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ئۈچ نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئوخشاش بىر كۈن ئىچىدە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى
9– ئاينىڭ 22 – كۈنى، 56 ياشلىق روبېرت لىۋېر ۋە 58 ياشلىق داننېر خېگلاند شۇنداقلا يەنە 58 ياشلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى خوۋارد بىشوف ئارقا ئارقىدىن بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى.
ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا سودا سارىيىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان نەچچە مىڭ نەپەر كىشىگە كېيىن «كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان» دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە راك كېسىلىمۇ بار.
بىراق تىببىي ساھەدىكى زاتلار مۇنداق دېدى، بۇ كىشىلەرنىڭ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىشى، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ «11- سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى شۇ خارابىلىقتا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلۇقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
نيۇيورك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نېگرو مۇنداق دېدى، بۇ ئۈچ نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ھايات قالغانلارغا نىسبەتەن بىر ئازابلىق ئەسكەرتىش، يەنى ئۆتكەن 13 يىل ئىچىدە، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ قەھرىمان خادىملىرى ھېلىھەم تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.
ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رېموندا مۇنداق دېدى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى دۇنيا سودا سارىيىغا يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، ھاۋادا ناھايىتى قويۇق ئىس تۈتەكلەر ۋە زەھەرلىك تۇمانلار تارقاپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىل زەھەرلىك چاڭ توزان بۇ يەردە بىر نەچچە ئايغىچە تۇرغان.
ئەينى ۋاقىتتا «11 – سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا سودا سارىيىغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان كىشىلەردىن تەخمىنەن مىڭدەك كىشى كېيىن شۇ زەھەرلىك چاڭ توزان كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەينى چاغدا جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەر نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولدى، يەنە نەق مەيدانغا بالدۇر يېتىپ بارغان نەچچە يۈز كىشى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى.
ھۆكۈمەت دوكلاتىدا گەرچە بىر نەچچە خىل خىمىيەلىك ماددا تەڭلا ئاشكارىلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئادەم ئاسانلا راك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ بىراق تىببى ساھەدە «11 – سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ راك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق.
نيۇيورك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى مۇنداق دېدى، 13 يىل بۇرۇن ئاشۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن كۈنى 343 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قۇربان بولغاندىن باشقا، يەنە 89 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى كېيىن كېسەل سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved