يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋولكىسۋاگېن 8-ئەۋلاد گولف ماشىنا تىپىنىڭ بىر قاتار تەسەۋۋۇر سۈرىتىنى ئاشكارلىدى. بۇ ماشىنىغا ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سىستېمىسى سەپلىنىدۇ، ئىگەللىنىشىچە ۋولكىسۋاگېن 8-ئەۋلاد گولفنىڭ 2016-يىلى يىل ئاخىرى ياكى 2017-يىلى يىل بېشىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىشىدىن ئۈمىد باركەن.
سىرتقى كۆرۈنۈش تەرەپتە، تەسەۋۋۇر سۈرىتىدىن قارىغاندا، پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئەۋلاد گولفنىڭ لاھىيەسى يەنىلا ۋولكىسۋاگېننىڭ پۈتۈنلەي يېڭى جەمەت شەكىلىنىڭ لاھىيە ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، ئەمما بۇ ماشىنىنىڭ ئالدى يۈزى 7-ئەۋلاد گولفنىڭكىدىن تېخىمۇ ئۆتكۈر. بۇ ماشىنىنىڭ ئالدى چوڭ چىراق تېخىمۇ تەكشى، ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى چوڭ چىراق بىلەن تۇتاشقان، تېخىمۇ ئاشقۇن كۆرۈنىدۇ. بۇندىن سىرت، بۇ ماشىنىنىڭ ئالدى بىخەتەرلىك لىمىدە ئىككى دانە رازمىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان كۈندۈزدە يول يۈرۈش چىرىقى بار، بۇ بەلكىم ۋولكىسۋاگېننىڭ كەلگۈسى جەمەت شەكىلى لاھىيەسىنىڭ قېلىپى بولىشى مۇمكىن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، ئىگەللىنىشىچە، پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئەۋلاد گولفقا ئەنئەنىۋى بېنزىن، دېزىل ماتوردىن سىرت، يەنە بىر يۈرۈش ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى سەپلىنىدىكەن، بۇ ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى 1.0T لىك ئۈچ سىلىندىرلىق ماتور ۋە 48V لىق ئېلىكتىر ماتوردىن تۈزۈلىدۇ، ھەمدە قوغۇشۇن كىسلاتاسى باتارىيە گۇرۇپپىسى ماسلاشتۇرۇلىدۇ، يۈز كىلومېتىرلىق ئوتتۇرچە ماي سەرپىياتى 4.7L ئەتىراپىدا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved