ئۈرۈمچى شەھىرىدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش موتسىكلىت ئەترىتى قۇرۇلدى

2-ئىيۇن ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ھەرىكەت قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۈرۈمچىدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش موتسىكلىت چارلاش تارماق ئەترىتى قۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇلار تۇيۇقسىز ۋەقەلەر ھەمدە يوللاردىكى قاتناش توسۇلۇش ئەھۋاللىرىنى جىددى بىر تەرەپ قىلىدىكەن .


ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئەترەتكە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ھەرىكەت قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن ساغلام ، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك ياش ساقچىلار تاللانغان بولۇپ ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن موتسىكلىت مىنىش ، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆپ تەرەپلىمىلىك تەربىيەلەنگەن .


ئالاھىدە ھەرىكەت قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ خۇڭشىڭنىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ چارلاش ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئاساسلىقى ئىككى مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن ، بىرى ، تۇيۇقسىز ۋەقە ياكى قاتناش ھادىسىلىرى يۈز بەرسە ، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا يېشىل يول ئېچىپ ، ۋەقەنى تېز بىر تەرەپ قىلىدىكەن .


يەنە بىرى ، بۇ ئەترەت سودا رايونى ، باغچا ، مەكتەپ قاتارلىق ئادەم ۋە ئاپتوموبىل بىر قەدەر كۆپ بولغان ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلەكلىرى ، قاتناش ئاسان توسۇلىدىغان يول بۆلەكلىرىدە چارلاش ئېلىپ بېرىپ ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە قاتنىشىغا قولايلىق يارىتىدىكەن .

 



خەتكۈچلەر:
04-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek