ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن دەۋرىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنىڭ ئۆسۈشىدەك چوڭ ۋەزىيەت تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆلدەلەڭ مەنزىرە رايونى، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى، نارات مەنزىرە رايونى، تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونى ھەمدە بايىنغۇلىن ئاققۇ كۆلى مەنزىرە رايونى قاتارلىق بەش مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى.
بۇنىڭ ئىچىدە توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆلدەلەڭ مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئەسلىدىكى 35 يۈەندىن 60 يۈەن (ئادەم/قېتىم)گە تەڭشەلدى؛ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئەسلىدىكى 50 يۈەندىن 75 يۈەنگە تەڭشەلدى، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئەسلىدىكى 75 يۈەندىن 95 يۈەنگە تەڭشەلدى؛ تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى 60 يۈەندىن 75 يۈەنگە تەڭشەلدى؛ بايىنغۇلىن ئاققۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى 48 يۈەندىن 65 يۈەنگە تەڭشەلدى.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلار، مېيىپلار، خىزمەتتىكى ھەربىيلەر ھەمدە ساياھەت ئۆمەكلىرى ئېتىبار باھالىق بېلەتتىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved