شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دەريا ئېقىمىدىن 100 دىن ئارتۇق جەسەتنى بايقىغان ، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ. جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 14-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەپەر شۇ جاينىڭ يەرلىك ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ جەسەتلەر سۇ ئاستىدا تۇرغىلى خېلى ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان ، بۇ پەسىلدە دەريا سۈيى ئازلاپ ، سۇ يۈزى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئاندىن سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى ئېنىقلاۋاتىمىز، بىز بىر تۈركۈم قانۇن دوختۇرلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتۇق.
شۇ جاينىڭ ساقچى ئەمەلدارىنىڭ قارىشىچە ، بۇ جەسەتلەر يۇقىرى ئېقىندىكى بىر جەسەت كۆيدۈرۈش رايۇنىدا سۇغا تاشلىۋىتىلگەن بولۇشى ، ھەمدە تۆۋەن ئېقىندىكى تېيىز سۇ رايونىدا توسۇلۇپ يىغىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. مىليونلىغان ھىندىستانلىقلار جەسەتنى ئوچۇق يەردىلا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ ۋە جەسەت كۈلىنى دەرياغا تۆكىدۇ، لېكىن كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشقا كېتەرلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان نامرات كىشىلەر جەسەتنى بىۋاستە سۇغا تاشلىۋېتىدۇ . ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى بويىچە بەزى دىنىي زاتلارنىڭ جەسىتىمۇ بىۋاستە سۇغا ئېقىتىۋېتىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved