ئەنگلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 25-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا بىر پارچە روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا قوشۇن چىقىرىش توغرىسىدىكى مۇراجىئەتنامە توردا تارقالغان، ھەمدە تارقىلىپ 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوكرائىنا ئاھالىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئوكرائىنانىڭ روسىيە زېمىنىگە تۇتىشىدىغان قىسمىنىڭ بۆلگۈنچىلىك كەيپىياتى كۈنسېرى يۇقىرىلاپ كېتىپ بارماقتا، ئوكرائىنا ۋەزىيىتى بارغانسېرى خەتەر ئىچىدە قالماقتا.
مۇراجىئەتنامىدە يەنە بىرپارچە خەرىتە قىستۇرۇلغان، خەرىتىدە ئوكرائىنانىڭ روسىيە زېمىنىگە تۇتىشىدىغان قىسمىنىڭ ئەھۋالى، ھەتتا ئۇ رايوننىڭ بىر يېڭى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالاي دەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بىراق ھازىر مۇراجىئەتنامىدىكى مەزمۇنلار يۇيۇۋېتىلگەن.
ئوكرائىنا سىياسىئونلىرى دۆلەتنىڭ زور خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولۇپ، ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ تۇركىنوف : "ئوكرائىنا بەزى رايونلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك خائىشى ئىنتايىن خەتەرلىك". دەپ كۆرسەتكەن، يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، روسىيەنىڭ قېرىم رايونىدىكى ئارمىيسى ھەرۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئىكەن، بىراق ئارمىيە تەرەپ ئوكرائىنا سابىق زۇڭتۇڭى يانوكوۋىچنىڭ موسكىۋادا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
روسىيە تەرەپكە كەلسەك، پۇتىن ئوكرائىنا ۋەزىيىتىگە قارىتا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. بىراق ئۇ 24-فېۋرال دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن بۇ ئىشنى مەسلىھەتلەشكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved