تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
تېڭشۈن تەنتەربىيىسى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋىرى. NBA پەسىلدىن كېىيىنكى مۇسابىقە داۋاملاشماقتا. چەۋەنداز كوماندىسى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا كارت ئادىمى كوماندىسى بىلەن ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى.ئاخىرىدا جامىس باشچىلىقىدىكى چەۋەنداز كوماندىسى 99-91 نەتىجە بىلەن كارت ئادىمى كوماندىسقنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمىي نەتىجىنى 2-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى چەۋەنداز كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى:
جامىس 30 نومۇر، 9 گاردىن قايتقان توپ ۋە 7 ياردەمچى پاس.
ئوۋىن 26 نومۇر 5 گاردىن قايتقان توپ ۋە 6 ياردەمچى پاس.
موزكوف 16 نومۇر 7 گاردىن قايتقان توپ ۋە 5 قېتىم قالپاق كەيدۈردى.
كارت ئادىمى كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى:
كىچىك توماس 22 نومۇر 7 ياردەمچى پاس ۋە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى.
سارىنج 14 نومۇر 5 گاردىن قايتقان توپ ۋە بىر ياردەمچى پاس.
تىنا 9 نومۇر 12 گاردىن قايتقان توپ 3 ياردەمچى پاس.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى چولپان : جامىس يەنە تارىخ ياراتتى.
كوماندىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى ۋە باشچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن جامىس بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ پۈتۈن مەيداندا 30 نومۇر ئالدى. بۇ ئارقىلىق كەسپىي ھاياتىدىكى پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە ئالغان ئومۇمىي نومۇرى 4469 نومۇرغا يەتتى. ھەمدە گېل ۋېسىتتىن ئېشىپ تارىختىكى 7- توپچىغا ئايلاندى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جامىس پەقەت يۇقىرى نومۇر ئېلىپلا قالماستىن يەنە گاردىن قايتقان توپنىمۇ ياخشى كونترول قىلدى. ئۇ جەمئىي 9 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. ھەتتا ئىككى قېتىم قارشى تەتەپكە قالپاق كەيدۈردى. ئۆزىنىڭ ھەممىدە يېتىشكەن ئىقتىدارى ئارقىلىق كوماندىنى يەنە بىر مەيدان غەلبىگە ئېرىشتۈردى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved