چەتئەل تاراتقۇلىرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە قانۇن مىنىستىرلىقى 28 يانۋار بۈگۈندىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كورىيەگە كېلىپ كېتىشىدىكى ۋىزا ياش چەكلىمىسى ئەسلىدىكى 60 ياشتىن ھازىرقى 55 ياشتىن يوقۇرىغا تۆۋەنلىتىلدى، بىر قېتىملىق چېگرادىن كىرىش ۋىزىسىنىڭ ئەسلىدىكى 30 كۈنلۈك چەكلىمىس 90 كۈنگە ئۇزارتىلدى . بۇنىڭدىن سرت ئادۋۇكات ، ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورلىرى، شىركەت-كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىق مەخسۇس خادىملار ۋە ماگىستىردىن يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەرگە تۇنجى قېتىم 10 يىللىق مۇددەتكە ئىگە ۋىزا بېرىلىدۇ، دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، كورىيە قانۇن مىنىستىرلىقى مارتتىن باشلاپ كوللېكتىپ ساياھەت ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىسىنى جۇڭگوغا كېڭەيتىدىكەن، كېيىنكى يېرىم يىلدا يەنە«كورېيە ئېقىم ۋىزىسى»نى ئېلان قىلدىكەن، بۇ ئاساسلىقى ھۆسۈن تۈزەش كەسپى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق مودا ئېقىمىغا مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا بېرىلدىغان مەخسۇس ۋىزا ئىكەن. كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسەت يۈرگۈزۈلسە ،كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى كورېيەگە ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلغىلى بولدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved