لەگلەك تورى تەرجىمىسى، تېڭشۈن تورى 23-ئىيۇل خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتىدىكى تەتقىقاتىچىلار يېقىندا كومپىيۇتېردا يەرشارىنىڭ يادرو قۇرالى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىكى ئۆزگىرىشىنى تەقىلىد قىلدى. تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: كەڭ كۆلەملىك يادرو قۇرالى ھۇجۇمى يۈز بەرسە، دۇنيادىكى نەچچە مىليارد ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، ئېغىر ئاچارچىلىق كۆرىلىدۇ، يەرشارىنىڭ ئوزۇن قەۋىتى تېشىلىپ، ئوزۇن مىقدارى شىددەت بىلەن ئازىيىدۇ، يادرو رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار بۇ قېتىم كومپىيۇتېر ئارقىلىق كىچىك تىپتىكى 100 دانە يادرو ئوق بېشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى يەرشارىدا پەيدا بولىدىغان تەسىرلەرنى تەقلىد قىلدى. بۇ كومپىيۇتېر ئارقىلىق يادرو چوڭ دۆلەتلىرى ئارىسىدا كىچىك تىپتىكى يادرو ئوق بېشى ئېتىش ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن يەرشارىنىڭ قانداق تەقدىرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كومپىيۇتېردا تەقلىد قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved