1- بىر يىگىت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزغا سۆيگۈ خىتى يىزىپتۇ، ۋە ئۇ قىزنىڭ مەھەللىسىگە بىرىپ قىزنىڭ 7 ياشلىق ئۇكىسىنى چاقىرىپ دەپتۇ:— ئۇكام ساڭا 2 كوي بىرەي، بۇ خەتنى ئاچاڭغا بىرىپ قوي….
ئەتىسى يىگىت قانداق بولغاندۇ دەپ بىرىپ قىزنىڭ ئۇكىسىدىن سوراپتۇ:—خەتنى بەردىڭمۇ؟
قىزنىڭ ئۇكىسى:— ئۆيدە ھەدەم يوقكەن شۇڭا دادامغا بەرگەنتىم. يىگىت:—ئاپلا ، داداڭ نىمە دىدى؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:— دادام بەكمۇ ئاچچىقلىدى، ۋە بۇ خەتنى ئۇ لالمىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر دەپ ماڭا بەردى.
يىگىت:— خەت قېنى؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:— بايىلا سىزگە قايتۇرۇپ بىرەي دەپ ئۆيىڭىزگە بارسام يوقكەنسىز، شۇڭا خەتنى دادىڭىزغا بىرىپ قويدۇم.
2-بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى:— ئات گۆشىنىڭ تەركىۋىدە قايسى خىل ۋېتامىن كۆپ؟
ئوقۇغۇچى:—ۋېتامىن ئا.
ئوقۇتقۇچى:— بېلىق گۆشىنىڭ تەركىۋىدە قايسى خىل ۋېتامىن كۆپ؟
ئوقۇغۇچى:—ۋېتامىن ب.
ئوقۇتقۇچى:— غاز گۆشىنىڭ تەركىۋىدىچۇ؟
ئوقۇغۇچى:—ۋېتامىن غ.
3- بىر باشلىق مەس بولۇپ قىلىپ كاتىپىنى ئىلىپ بىر مىھمانخانىغا كىتىپتۇ، باشلىقنىڭ يانفونى سايرىشىغىلا كاتىپ قىزتېلفوننى ئىلىپ:— كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان ئابونىت مەس بولۇپ قالدى، سەل ساقلاپ ئەتە ئۇرۇڭ، دەپلا قويۇۋىتىپتۇ. باشىق ئەتىسى ئۆيىگە كەلسە ئايالى:—ئاخشام بەك جىق ئىچىۋالغان ئوخشىمامسىز؟ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ خەۋەر تىپىپتۇ.
بۇندىن كېيىن ھەر شەنبە كۈنى لەگلەك تورىدا ھېلىقىدەك گەپلەر يوللىنىپ تۇرىدۇ، ۋاقىپ بولغايسىلەر.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved