يەر شارى تورى خەۋىرى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو يېقىندا مىنىسكىدا تۇنجى سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان، سۆھبەتتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىق ھۇجۇمنى توختىتىش ھەققىدە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، پۇتىن بىلەن پوروشېنكو شۇ كۈنى بېلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا تۇنجى قېتىم ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئېلىپ بارغان، ئىككى تەرەپ قانلىق توقۇنۇشنى تېزرەك توختىتىش شۇنداقلا كىرزىسلارنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا پىكىرلەشكەن. ئەمما سۆھبەت ئاخىرىدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا گەۋدىلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved